ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 37-ھەپتىسىدىكى ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەر

ھامىلىدارلىقنىڭ 37-ھەپتىسىدىكى ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەر

ۋاقتى: 2016-02-11 ئاۋاتلىقى: 700 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


  37-ھەپتىگە كىرگەندە مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت كۈنىگە بارغانسېرى يېقىنلاشقانچە، ئۇرۇق‏‏‏-تۇققان دوست-بۇرادەرلەردى" يەڭگىدىڭمۇ يوق" دەپ تېلېفونلار كېلىشكە باشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن يەڭگىشنى كۈتۈپ ياتقان كۈنلەردە سىز تېخىمۇ جىددىيلىشىپ بىر كۈن بىر كۈندىن ساناشقا باشلايسىز. ئەمەلىيەتتە پەقەت 5%ھامىلىدارلا مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت كۈنىدە يەڭگىيدۇ. كۆپ ساندىكى ھامىلىدارلار مۆلچەردىكى كۈننىڭ 2 ھەپتە ئالدى كەينىدە يەڭگىيدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى نورمال ھېسابلىنىدۇ.
  بۇ ھەپتىدىكى بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشى ئالدىنقى ھەپتىلەردىن كۆپ بولىدۇ. ھامىلىدارلار ئۆزىنى تۇغۇشقا ئاز قالغاندەك گۇمانلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ نورمال قىسقىراش بولۇپ، ھەرگىزمۇ تۇغۇتتىن بۇرۇنقى قىسقىراش ئەمەس. پەقەت نورمال قىسقىراش ۋاقتى بىر كۈن ياكى بىر كېچە داۋاملاشقاندا ئاندىن تۇغۇت ئالدىدىكى قىسقىراشقا ئايلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالىياتقۇ ئاجرالما ماددىلىرى كۆپىيىپ، بەزى ھامىلىدارلارنىڭ بالىياتقۇ ئاغزى مۇددەتتىن بۇرۇن ئېچىلىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى