ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 39-ھەپتىسىدىكى ھامىلىدارلارنىڭ بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەر

ھامىلىدارلىقنىڭ 39-ھەپتىسىدىكى ھامىلىدارلارنىڭ بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەر

ۋاقتى: 2015-11-07 ئاۋاتلىقى: 714 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


39-ھەپتىگە كىرگەندە ھامىلىدارلار قورسىقىدىكى ھۈررەكنى بەرداشلىق بېرەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ ھەرىكەت قىلىش تېخىمۇ قىيىنلىشىدۇ، سىزدىمۇ بەلكىم نۇرغۇن بىئاراملىق ۋە روھىي بېسىم پەيدا بولۇشى مۇمكىن.


   چەتئەللەردىكى نۇرغۇن پىسخىكشۇناسلار ھامىلىدار ئاياللارغا قارىتا پىسخىك سىناق ئېلىپ بارغان. تۇغۇتقا يېقىن ھامىلىدارلارنىڭ تايىنىۋېلىش ئىدىيەسى كۈچىيىپ پاسسىپچانلىقى ئېشىپ باشقىلارنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئوبيېكتىپ ھېسسىياتنىڭ قالايمىقان بولۇش ئەھۋاللىرى كۆپىيىپ قورساقتىكى بالىنىڭ ھەرىكىتىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ. نۇرغۇنلىغان ھامىلىدار ئاياللاردا تۇغۇتقا يېقىن خاتىرجەمسىزلىنىش ۋە جىددىيلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ تۇغۇتنىڭ ئاغرىقىدىن،  بالىنىڭ غەيرىي تۇغۇلۇپ قېلىشتىن، تۇغۇت يولىنىڭ يىرتىلىپ كېتىشىدىن قورقۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. يەنە بەزى ئاياللار قىز تۇغۇلۇپ قالسا كەمسىتىلىشكە ئۇچراشتىن قورقىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ مەزگىل بولسا تۇغۇلماقچى بولغان بوۋاقنى كۈتىۋېلىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى جەڭ، شۇڭا يۈكنى ئېلىۋېتىپ ئەركىن ھالدا جەڭگە ئاتلىنىش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى