ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 34-ھەپتىسىدە ئاتا بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلار نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك— ئاتا بولغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن خۇلاسە

ھامىلىدارلىقنىڭ 34-ھەپتىسىدە ئاتا بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلار نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك— ئاتا بولغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن خۇلاسە

ۋاقتى: 2016-07-20 ئاۋاتلىقى: 738 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلە 34 ھەپتىلىك بولدى، ھامىلىدارلىقنىڭ 9-ئېيىدا بالدۇر يەڭگىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار بولغاچقا، ئاتا بولغۇچىلار بارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى جۈملىدىن دوختۇرخانىغا بارغاندا ئېلىۋېلىشقا تېگىشلىك نەرسىلەر، تۇغۇت دوختۇرخانىسىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى، ئۆيدىن دوختۇرخانىغا بېرىشتىكى قاتناش لىنىيەسى ۋە تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك بولغان بارلىق تۈر قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل تەييارلاپ خاتىرە قالدۇرۇشى، ئايالىدا يەڭگىشنىڭ بېشارىتى كۆرۈلگەن ھامان تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىشى لازىم. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە بۇ مەزگىلدە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ تۇغۇت يولىدىن قان چىقسا ھامىلە پەردىسى يېرىلىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئاسانلا يۇقىرى قىسىم ئەزالارنىڭ ياللۇغلىنىشى،ھامىلە كىندىكىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ھامىلىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، بۇ خىل ئەھۋال يۈز بەرگەندە ئاتا بولغۇچىلار ئايالىنى تۈز ياتقۇزۇشى ۋە دەرھال دوختۇرخانىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن تېزدىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ يەڭگىتىش لازىم.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى