ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 34-ھەپتىسىدىكى ئاياللارنىڭ يېمەكلىك ئىستېمالىدىن خۇلاسە

ھامىلىدارلىقنىڭ 34-ھەپتىسىدىكى ئاياللارنىڭ يېمەكلىك ئىستېمالىدىن خۇلاسە

ۋاقتى: 2016-05-25 ئاۋاتلىقى: 720 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

  ھامىلىدارلىقنىڭ 34-ھەپتىسىدىكى ئوزۇقلىنىشتىكى پىرىنسىپ بولسا: يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرى كۆپ خىل، مىقدارى مۇۋاپىق، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، ئاسان ھەزىم بولىدىغان، تۈز تەركىبى تۆۋەن، ماي تەركىبى تۆۋەن بولۇش. ئۇنىڭدىن كۆپرەك كۈن نۇرىغا قاقلىنىپ بېرىش كالتسىينىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشىغا پايدىلىق. بۇ مەزگىلدە يېمەكلىك تازىلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش ناھايىتى زۆرۈر، چۈنكى ھازىر خالىغان ۋاقىتتا يەڭگىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار. ئەگەر يېمەكلىك تازىلىقىغا سەل قاراش سەۋەبىدىن ھامىلىدار ئاياللاردا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كۆرۈلۈپ قالسا تۇغۇتقا ۋە ھامىلىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىرى ياخشى بولمايدۇ. بۇ مەزگىلدە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىشتىھاسى تۆۋەنلەپ ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ، شۇڭلاشقا بۇ مەزگىلدە قوناق، كۆكتات قاتارلىق تەركىبىدە تالا تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىش لازىم.


ھامىلىدارلىقنىڭ 34- ھەپتىسىدە قانداق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغان ياخشى---ھامىلىدار ئاياللار كۆپ پۇرچاق، ئۆردەك گۆشى قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.
ھامىلىدارلىقنىڭ 34- ھەپتىسىدە قانداق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىشى كېرەك-ئۇزۇن تۇرۇپ قالغان قايناق چاي ۋە ئۇزۇن تۇرۇپ قالغان مېۋە شەربەتلىرىنى ئىچىشىگە بولمايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى