ھامىلىدارلىقنىڭ 36-ھەپتىسىدىكى ئاياللار قانداق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغىنى ياخشى-يېمەكلىك ئىستېمالىدىن خۇلاسە
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 36-ھەپتىسىدە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ تېنى ئېھتىياجلىق بولغان ئاقسىللىق مىقدارى كۈنىگە 70 گىرام، بۇ ئارقىلىق ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى، بالىياتقۇنىڭ كېڭىيىشى، سۈت بېزىنىڭ چوڭىيىشى، قان مىقدارىنىڭ ئېشىشى قاتارلىقلارغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئېھتىياجلىق بولغان كالتسىينىڭ مىقدارى بولسا كۈنىگە 1-1.2 گىرام بولۇپ ئادەتتىكىدىن بىر ھەسسە ئارتۇق، بۇ ئارقىلىق ھامىلىنىڭ سۆڭىكىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ. ئېھتىياجلىق بولغان تۆمۈرنىڭ مىقدارى بولسا 18 مىللىگرامدىن ئارتۇق، چۈنكى ھامىلىنىڭ تېنى قان ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئانا تېنىدىن كۆپ مىقداردىكى تۆمۈرنى سۈمۈرۈۋالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئەگەر ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىستېمال قىلغان كاربون -سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ مىقدارى يېتەرلىك بولمىسا ئاسانلا ئاقسىل يېتىشمەسلىك، كېتو كىسلاتاسىدىن زەھەرلىنىش"酮症酸中毒" قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، لېكىن ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ھامىلىنىڭ زىيادە يوغىناپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كاربون -سۇ بىرىكمىلىرى تەركىبلىك يېمەكلىكلەرنىڭ ئىستېمال مىقدارىغا چەك قويۇش لازىم. سىز ھازىر مۇۋاپىق مىقداردا قۇۋۋەت تولۇقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بەدىنىڭىزگە بەلگىلىك ئېنېرگىيە توپلاپ ھامىلىڭىزنىڭ يورۇق دۇنياغا كۆز ئىچىشىنى قارشى ئېلىشىڭىز كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بېلىق گۆشى ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە سۈتنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، بوۋىقىڭىزغا يېتەرلىك ئوغۇز سۈتى بېرەلەيسىز.
ھامىلىدارلىقنىڭ 36-ھەپتىسىدە نېمە ئىستېمال قىلغان ياخشى-ھامىلىدار ئاياللار مۇۋاپىق مىقداردا بېلىق گۆشى ئىستېمال قىلىپ بېرىش لازىم.