ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 32-ھەپتىسىدىكى دىققەت قىلىدىغان ئىشلاردىن خۇلاسە

ھامىلىدارلىقنىڭ 32-ھەپتىسىدىكى دىققەت قىلىدىغان ئىشلاردىن خۇلاسە

ۋاقتى: 2016-10-26 ئاۋاتلىقى: 719 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىخەتەرلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك
قورساق قىسمى بارغانسېرى چوڭايغانلىقتىن ھامىلىدار ئانا ماڭغان، پەلەمپەيدىن چۈشكەن، ۋېلىسىپىت مىنگەن، ئولتۇرغان، تۇرغان ۋاقىتنىڭ ھەممىسىدە ئېھتىيات قىلىش ھەرىكەتنىڭ دائىرىسى بەك چوڭ بولۇپ كەتمەسلىكى، بولۇپمۇ يامغۇر ياغقان، قار ياغقان ۋاقىتتا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىز ماشىنا ھەيدىمەڭ، ماشىنىغا ئولتۇرغاندىمۇ بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش، ئەڭ ياخشىسى شوپۇرنىڭ يېنىدا ئورۇندا ئولتۇرماسلىق، ئارقىدىكى ئورۇندا ئولتۇرغاندىمۇ بىخەتەرلىك تاسمىسىنى ئېتىۋېلىش كېرەك.


ئۇخلاشقا ياردەم بېرىدىغان ئۇسۇل
ھامىلىدارلىقنىڭ 7~9 ئايلىرىدا ھامىلىدار ئانا ئوڭدىسىغا يېتىپ ئۇخلىغان ۋاقىتتا بىئارام بولغاندەك ھېس قىلىدۇ، بۇ چۈنكى بالىنىڭ ئېغىرلىقى ھامىلىدار ئانىنىڭ چوڭ ۋېناسىنى بېسىۋېلىپ قاننىڭ پاقالچاق بىلەن پۇتتىن يۈرەككە قايتىپ كېلىشىنى توسۇپ قويۇپ ئانىنى ئويغىتىۋېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ياستۇقنى قۇچاقلاپ يانچە يېتىپ ئۇخلىسا بولىدۇ. ياستۇقنى قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمىغا ياكى ئىككى پۇتنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويسا بىرقەدەر راھەت بولىدۇ، ياكى ئۈستىلەپ قويغان ياستۇق، قاتلاپ قويغان يوتقان ياكى يۇڭ ئەدىيالنى بېلىگە قويۇپ قورساق قىسمىنىڭ بېسىمىنى يېنىكلەتسە بولىدۇ. بازاردا ھامىلىدار ئاياللار ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ياستۇقلار نۇرغۇن بولۇپ تاللاپ سېتىۋالسا بولىدۇ.



قانداق قىلغاندا ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا پۇت تارتىشىپ قېلىشنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ
ئەگەر ھامىلىدار ئانىدا ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا پۇتى تارتىشىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە پۇتىنى تامغا كۈچلۈك تەپسە ياكى كارىۋاتتىن چۈشۈپ بىردەم تۇرۇۋالسا بۇنىڭ تارتىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بار. ئەلۋەتتە، يەنە كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكتە يېتەرلىك كالتسىي قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
تۇغۇتلۇق ئارام ئېلىشنى پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك
نۇرغۇنلىغان ھامىلىدار ئاياللار بولسا ئىش ئورنىدىكى ئاياللار بولۇپ، مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت ۋاقتى يېقىنلاپ كەلگەندە قايسى ۋاقىتتا تۇغۇتلۇق ئارام ئېلىش، خىزمەتنى قانداق تاپشۇرۇپ بېرىشنى ئويلىشىدۇ. مۇددەتتىن بۇرۇن بۇلارنى ياخشى ئويلاشقاندا ئاندىن سالماق پىسخىكا بىلەن بالىنىڭ تۇغۇلىشىنى قارشى ئالغىلى بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى