ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 34-ھەپتىسىدە ھامىلىدار ئاياللار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن خۇلاسە

ھامىلىدارلىقنىڭ 34-ھەپتىسىدە ھامىلىدار ئاياللار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن خۇلاسە

ۋاقتى: 2016-02-03 ئاۋاتلىقى: 754 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يېتەرلىك ئارام ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش
  بۇ مەزگىلدە ھامىلىدار ئاياللار ھېرىپ-چارچاش ھېسسىياتى پەيدا بولۇشتىن خالى بولالمايدۇ، ھەتتا بەزىدە پۈتۈن بىر كۈن چارچاش ھېس قىلىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ مەزگىلدىكى ھامىلىدار ئاياللار تۇرمۇشىنىڭ رىتىملىق بولۇشىغا، يېتەرلىك ئۇيقۇ ۋە ئارام ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى ھەرگىزمۇ قاتتىق چارچاپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئارام ئالىدىغان ئادەت يېتىلدۈرمەسلىكى لازىم.


ھامىلىنىڭ ئورنىغا ئۆز ئالدىغا توغرىلاش ئېلىپ بارماسلىق
ھامىلىدارلىقنىڭ 34-ھەپتىسىدىن كېيىن ساغرا ھالەتتىكى ھامىلىنى باش ھالەتتىكى ھامىلىگە ئۆزگەرتىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، تىز-كۆكرەك ھالىتى«膝胸位» ئارقىلىق ھامىلىنىڭ ھالىتىنى توغرىلاش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ. ئەگەر كىندىكى بويۇن قىسمىغا يۆگىشىپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا بۇ خىل ئۇسۇل كىندىكىنىڭ ھامىلىنىڭ بوينىغا يۆگىشىش سانىنى يۇقىرىلىتىۋېتىشى ۋە كىندىكنىڭ بويۇن قىسمىدىن چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا ھامىلىنىڭ ھالىتى بۇ مەزگىلگە كەلگەنگە قەدەر يەنىلا ئۆزگەرمىگەن  بولسا ھامىلىدار ئاياللار ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشكە بولمايدۇ، چوقۇم دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش لازىم.



باشقا جايلارغا بېرىپ يەڭگىگەندە ئالدىن تەييارلىق قىلىش
   ئەگەر سىز باشقا جايدىكى ئاپىڭىزنىڭ ياكى قېينانىڭىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ يەڭگىمەكچى بولسىڭىز يولنىڭ يىراق-يېقىنلىقىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ مۇۋاپىق قاتناش ۋاسىتىسى ۋە ۋاقىتنى ئالدىن تاللىشىڭىز لازىم. قاتناش ۋاسىتىسى تاللاشتىكى پىرىنسىپ : پويىزغا ئولتۇرالايدىغانلار ئىمكانقەدەر ئاپتوبۇستا چىقماسلىق، ئاپتوبۇستا ئولتۇرالايدىغانلار ئىمكانقەدەر ئايروپىلانغا چىقماسلىق، ئايروپىلاندا ئولتۇرالايدىغانلار ئەڭ ياخشىسى پاراخوتقا چىقماسلىق، پاراشۇتتا ئولتۇرالايدىغانلار ئەڭ ياخشىسى دېڭىز پاراخوتىغا چىقماسلىق ۋە ئىمكانقەدەر كېچىدە ماڭىدىغان قاتناش قوراللىرىنى تاللىماسلىق لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ كېچىككەندىمۇ مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت كۈندىن 4 ھەپتە بۇرۇن يەڭگىمەكچى بولغان ئورۇنغا بېرىپ بولۇش كېرەك، بۇنداق بولغاندا ھەم سەپەر جەريانىدا يەڭگىپ قېلىش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى ھەم باشقا جايدا يەڭگىگەندە يېتەرلىك تەييارلىق قىلىۋالغىلى بولىدۇ. يەڭگىمەكچى بولغان ئورۇنغا بېرىپ بولغاندىن كېيىن تېزدىن يەرلىك ئورۇندىكى دوختۇرخانىلارغا بېرىپ دوختۇرغا تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش خاتىرىسىنى كۆرسىتىش، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈش، ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرتۈش ۋە يەڭگىش پىلانى تۈزۈش لازىم.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى