ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىنىڭ خاراكتېرى ھامىلە ۋاقتىدىكى تەربىيەدىن باشلىنىدۇ

بالىنىڭ خاراكتېرى ھامىلە ۋاقتىدىكى تەربىيەدىن باشلىنىدۇ

ۋاقتى: 2015-11-15 ئاۋاتلىقى: 829 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئوخشاشلا ئون ئاي قورساق كۆتۈرۈپ تۇغقان بالىلار، تۇغۇلۇشى بىلەنلا، بالىنىڭ خاراكتېرىدە ئاسمان-زىمىن پەرق كۆرۈلىدۇ. نېمىشقا بەزى بالىلار ھەم ياۋاش ھەم كۈلگۈنچەك؟ نېمىشقا بەزى بالىلار ئاسان جىلە بولىدىغان، يىغلاڭغۇ بولىدۇ؟ بۇ نۇرغۇن ئانىلار ئويلاپ تېگىگە يېتەلمەيدىغان بىر ئىش. ئەمەلىيەتتە، بالىنىڭ خاراكتېرى ھامىلە ۋاقتىدىكى تەربىيە بىلەن بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بولغان بولىدۇ. ئەمەلىيەتنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئانا بولغۇچى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ياخشى مۇھىت ۋە كەيپىياتقا ئىگە بولسا، ھەمدە قورساقتىكى بالىغا نىسبەتەن تەربىيەنى ئۈزۈلدۈرمەي قىلىپ تۇرسا، بالىلار تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئوچۇق-يورۇق مىجەز-خاراكتېرغا ئىگە بولۇش پۇرسىتىمۇ خېلى بەك يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.


بىر ئانا مۇنداق دەيدۇ: ‹بالام قورسىقى ئاچقان، سىيىپ ئاستى ھۆل بولۇپ كەتكەن ياكى بەدىنى بىئارام بولغان ۋاقىتتا يىغلايدۇ، بىراق تەلەپلىرى قاندۇرۇلغاندىن كېيىن يىغىسى توختايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ ئاياغ تېۋىشىمنى، ئاۋازىمنى ئاڭلىسىلا يىغىسىدىن توختايدۇ، بالام گەرچە بەك كىچىك بولسىمۇ، تۇرمۇشى بەك تەرتىپلىك ھەم بەك نورمال، مەن ئۇخلاش ئالدىدا ئۇنىڭغا ئەللەي ناخشىسى ئېيتىپ بەرسەملا ئۇخلاپ قالىدۇ، ئېيىغا توشقاندىن كېيىن، كۈندۈزى ئويغاق، كېچىسى ئۇخلايدىغان ئادەتنى يېتىلدۈردۈم› بۇلارنىڭ ھەممىسى ھامىلە تەربىيەسىنىڭ پايدىلىق تەرىپى، ئۇنداقتا ھامىلە تەربىيەسى دېگەن نېمە ؟ ھامىلە تەربىيەسى قانداق ئېلىپ بېرىلىدۇ ؟



تەتقىقاتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ھامىلىدار ئايالنىڭ كەيپىياتى، ھېسسىياتى، ئىش-ھەرىكىتى، تۇيغۇسى قاتارلىقلار بەدەندە ھورموننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنىڭ بىنورماللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالىنىڭ مىجەز-خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە، ئانىنىڭ كەيپىياتىنىڭ ياخشى بولۇش-بولماسلىقى، بالىنىڭ خاراكتېرىنىڭ ياخشى بولۇش-بولماسلىقىنى بەلگىلەشتىكى ئىنتايىن مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ.
بالىنىڭ كۈنسېرى چوڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ، بالا ۋە ئانىنىڭ كەيپىيات تەسىرى تېخىمۇ روشەن بولىدۇ، ئەگەر ئانىنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولسا، بالىمۇ خۇشال-خۇرام چوڭ بولىدۇ؛ ئەگەر ئانىنىڭ كەيپىياتى ناچار بولسا، بالىمۇ خاتىرجەم بولالمايدۇ، سەۋر-تاقەتسىز چوڭ بولىدۇ. ئەگەر ھامىلىدار ئايالدا ئىككىلىنىش كۆپ بولسا، ھاياتى كۈچى كەمچىل بولسا، تۇغۇلغان بالىمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا يىغلاڭغۇ تۇغۇلىدۇ.چوڭ بولغاندىن كېيىنمۇ ئاجىز، خامۇش چوڭ بولىدۇ. ئەگەر ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى كەيپىيات ئۆزگىرىشلىرىگە توغرا مۇئامىلە قىلىپ، ئاكتىپ بىر تەرەپ قىلالىسىلا،  تۇغۇتتىكى ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى  قىيىنچىلىقنى يېڭەلىسە، ئانىنىڭ  بۇ خىل قەيسەر ئىرادىسى بالىغا تەسىر قىلىپ، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىنلا قەيسەر، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، قىينچىلىققا قەيسەرلىك بىلەن يۈزلىنەلەيدىغان بولۇپ يېتىلىشىگە ئاساس سالىدۇ.
شۇڭا قورساقتىكى بالا ئۈچۈن بولسىمۇ، ئانا بولغۇچىلار ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ كەيپىياتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. ھەر قانچە ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان ئىشقا يولۇققاندىمۇ، ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەشنى بىلىشى، ناچار كەيپىياتنى تېزلا يوقۇتۇۋېتىشى، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى كېرەك. بولۇپمۇ ھامىلە 6 ئايلىق بولغاندىن كېيىن، ھېسسىياتنى كەيپىياتقا ئايلاندۇرالايدىغان بولۇش كېرەك. بۇ ۋاقىتتا ھامىلىنىڭ كەيپىياتى ئانىنىڭ كەيپىياتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، شۇڭا، ھامىلىدارلىق جەريانىدا، ھامىلىنىڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ھامىلىنى ياخشى خاراكتېرگە ئىگە قىلىپ تەربىيەلەش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت  يارىتىش كېرەك.



1. ئۆزىنى ئازادە تۇتۇش: ئەگەر كەيپىياتى ياخشى بولمىسا، ئانا بولغۇچىلار كارىۋاتتا جىم يېتىۋېلىشى كېرەك، پۈتۈن بەدەننى بوشاشتۇرۇپ، ئۆزىنى باھار پەسلىدە گۈللەرنىڭ ئارىسىدا ياتقاندەك تەسەۋۋۇر قىلىش ياكى مەلۇم ناھايىتى گۈزەل دېڭىز ساھىلىدا قۇياش نۇرىدىن بەھرلىنىۋاتىمەن دەپ قاراش. مۇشۇنىڭدەك ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇش مەشىقلىرى دائىم تەكرارلانسا، جىددىي كەيپىياتنى  تۈگىتىپ، كەيپىياتنى ياخشى قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.
2. ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلىش: بىر ئادەم ئۆزى قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان ياكى ئۆزى قىلىشقا ماھىر ئىشلىرىنى قىلغان چاغدا، دائىم ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ قىزىقىش چوقۇم ساغلاملىقنى ئالدىنقى شەرت قىلىشى كېرەك. ئۇزۇن ۋاقىت تورغا چىقىش، ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى يېيىش قاتارلىقلار بۇ تۈرگە تەۋە بولمايدۇ. ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىش، ئۇۋىلاش قاتارلىقلارنى سىناپ بېقىشقا بولىدۇ.                  
3. كومىدىيەلىك كىنو ۋە كىتابلارنى ئوقۇپ بەرگەندە، كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەپ، كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئۇنتۇشىڭىزغا  پايدىلىق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قاقاھلاپ كۈلۈش نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇشقا پايدىلىق .
4. دائىم دوستلىرىنى ئىزدەپ بېرىپ پاراڭلىشىش: دەرد تۆكۈش بولسا، كەيپىياتنى ياخشىلاشتىكى ياخشى ئۇسۇل، تۇرمۇشتا كۆڭۈلسىزلىكتىن ساقلىنىپ بولغىلى بولمايدۇ، ئەگەر بۇنداق كۆڭۈلسىزلىكلەر يىغىلىپ قېلىۋەرسە، ھامىلىنىڭ خاراكتېرىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئەكسىچە، كەيپىياتى ناچار بولغاندا دوستلىرىنى تېپىپ دەردىنى تۆكۈۋالسا، دوستىنىڭ تەسەللىي بېرىشى بىلەن ناچار كەيپىياتتىن قۇتۇلۇپ، ئەسلىدىكى نورمال ھالەتكە  قايتىشىغا ياردىمى بولىدۇ.
5. مېۋە–چىۋە، كۆكتاتنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، مېۋە-چىۋە تەركىبىدە ئوزۇقلۇق ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەيپىياتنى تەڭشەشكە ياردەم بېرىدۇ، سىزگە تىنچ كەيپىيات ئاتا قىلىدۇ.
6. خىزمەت مىقدارىنى ئازايتىڭ، خىزمەت بېسىمى كۆپ ھاللاردا كىشىنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ھاردۇرۇۋېتىدۇ، كەيپىياتنى  چېچىلاڭغۇ قىلىپ قويىدۇ، شۇڭا، ئەگەر سىز خىزمەت قىلىدىغان ئانا بولغۇچى بولسىڭىز، خىزمەت  مىقدارىنى ئازايتىشنى ئويلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ. بۇ سىزنىڭ كەيپىياتىڭىزنى تۇراقلاشتۇرۇشتا  ئالاھىدە رول ئوينايدۇ.

 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى