ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 39‏-ھەپتىسىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ھامىلىدارلىقنىڭ 39‏-ھەپتىسىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ۋاقتى: 2016-08-02 ئاۋاتلىقى: 790 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. بالىياتقۇنىڭ ئېگىزلىكى تۆۋەنلەيدۇ 
    ھامىلىدار ئەمەس ۋاقىتقا سېلىشتۇرغاندا، بالىياتقۇ 1000ھەسسە چوڭىيىدۇ، ھامىلىدارلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۇ باسقۇچىدىمۇ بالىياتقۇ چوڭىيىشتىن توختاپ قالمايدۇ ئەلۋەتتە، لېكىن ئېگىزلىكى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بوۋاقنىڭ بېشى ئانىنىڭ داس سۆڭىكىگە كىرىشكە باشلاپ بالىياتقۇنى ئاستىغا تارتىدۇ. ئانا بولغۇچى ئۈچۈن ئېيتقاندا بالىياتقۇنىڭ تۆۋەنلىشى بىر ياخشى ئىش بولۇپ نەپەس قىسىلىش ئازلايدۇ، ئاشقازاننىڭ كۆپۈۋېلىشىمۇ ئەسلىگە كېلىپ، يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. 


2. ئەگەر دوۋسۇن سۆڭىكى ئاغرىسا قانداق قىلىش كېرەك؟
  بەزى ئانا بولغۇچىلار ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، يەنىلا نەپسى سىقىلىش ھېس قىلىدۇ. بالىياتقۇنىڭ ئاستى دىيافراگما مۇسكۇلىنى تىرەپ تۇرۇپ، يوغىناپ كەتكەن بالىياتقۇ كۆكرەكنى قىستاپ بىئارام قىلغاننى ئاز دەپ يەنە دوۋسۇن سۆڭىكى، بەل، توققۇز كۆز سۆڭىكى تېلىپ ئاغرىشقا باشلايدۇ. ئەگەر ئانا بولغۇچىنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسى كىچىكرەك بولسا ياكى بالا چوڭراق بولسا، بۇ ۋاقىتتا تېخىمۇ قاتتىق ئاغرىيدۇ. ئەگەر دوۋسۇن سۆڭىكى بىلەن بەل توققۇز كۆز ئاغرىسا، ئامال بار ئاز مېڭىش، ئاز ئۆرە تۇرۇپ، كۆپرەك يانچە يېتىپ بېرىش، مۇۋاپىق بولغاندا بەللىك ئىشلىتىپ ئاغرىقنى پەسەيتىش كېرەك. 
3. بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىپ يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش 
ئېشىپ  تۇغۇتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كىرگەندە نۇرغۇنلىغان ئانا بولغۇچىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئاشمىسىمۇ نورمال ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر بەك كەتسە ئوزۇقلىنىش ئادىتىگە دىققەت قىلىپ يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك تاماقلارنى ئاز يېيىش كېرەك. بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ ھەممە ئەزالىرى ئاساسەن تەرەققىي قىلىپ بولغان بولۇپ، مۇۋاپىق ھالدا بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشنىڭ پايدىسى بار.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى