ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدار ئايال ئېغىز بوشلۇقىنى قانداق ئاسرايدۇ؟

ھامىلىدار ئايال ئېغىز بوشلۇقىنى قانداق ئاسرايدۇ؟

ۋاقتى: 2016-04-03 ئاۋاتلىقى: 564 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


ئەگەر ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئانا بولغۇچىلاردا ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكى بولسا، ئەگەشمە كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، يەنە بالىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئانا ۋە بالىلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن، ئانا بولغۇچىلار ئېغىز بوشلۇقىنى ئاسراشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.


ئاياللار ھامىلىدارلىق دەۋرىدە، بەدەن ئىچىدە ھورمۇنلار كۆپىيىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن چىش مىلىكى قاناش، سۇلۇق ئىششىق، سېمىزلەش  ھەتتا ياللۇغلىنىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ ھامىلىدارلىقنىڭ بېشىدىكى 3 ئاي ۋە تۇغۇتنىڭ ئالدىدىكى 3 ئايدا تېخىمۇ بەك ئېغىرلىشىدۇ. تىبابەتتە بۇنى ‹ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى چىش مىلىكى ياللۇغى› دەپ ئاتايدۇ. ئاياللاردا دائىم چىش ئاغرىش، چىش قاناش، ئېغىز پۇراش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاياللار ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تازىلىقىغا ئادەتتىكىدىن تېخىمۇ بەك دىققەت قىلىشى كېرەك. چىش چوتكىلىغاندا، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان چىش پاستىسى تاللاش كېرەك. ئەگەر قۇرت يېگەن چىش بولسا، فتورلۇق ياكى تەركىبىدە سىترونسىيلىق چىش پاستىسىنى تاللاش كېرەك. ئەگەر قۇرت يېگەن چىشتىن قان چىقىپ، سۇلۇق ئىششىق بولسا، ياللۇغ قايتۇرۇپ، قان توختىدىغان دورىلىق چىش پاستىسىنى تاللاش كېرەك. ئەگەر ئاچچىق نەرسىلەرنى يەپ، چىشتا زىيادە سېزىمچانلىق رىئاكسىيەسى يۈز بەرسە، سېزىمچانلىقنى يوقىتىدىغان چىش پاستىسىنى تاللاش كېرەك. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە، پات-پات  چىش دوختۇرلىرىغا كۆرۈنۈپ چىشىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك. ئەگەر چىشتا قۇرت يېگەنلىك، ياللۇغلانغانلىقتەك ئەھۋاللار بولسا ئامال بار ۋاقتىدا داۋالىتىشى كېرەك. ئەگەر ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى، جاۋغاي ياللۇغى قاتارلىقلار بولسا، يېتەرلىك مىقداردا ۋىتامىن B2  ئىستېمال قىلىش كېرەك. ئەگەر چىش مىلىكى قانىسا،تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.
چىشنى يۇلۇشقا توغرا كەلگەندە، ۋاقتى چوقۇم ھامىلىدارلىقتىن 3 ئاي كېيىن، 7 ئايلىقتىن بۇرۇن بولۇشى كېرەك. چۈنكى ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنقى 3 ئاي ئىچىدە چىش يۇلدۇرسا، ئاسانلا بويىدىن ئاجراپ كېتىش ۋە ھۆ قىلىشنى تېخىمۇ بەك ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئەكسىچە 7 ئايلىقتىن كېيىنكى ۋاقىتتا، بەدەن ئېغىرلىشىپ دوختۇرغا ماسلاشقىلى بولمايدۇ، بەلكى بالدۇر تۇغۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئەگەر داۋالاش ئۈچۈن زۆرۈر بولمىسىلا، چىشنى ھەرگىز x نۇرىغا چۈشۈرمەسلىك كېرەك. چوقۇم تارتمىسا بولمايدىغان ئىش بولۇپ قالسا، قورساق قىسمىغا قوغۇشۇنلۇق كىيىم كىيگۈزۈپ قويۇپ تارتىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا رادىئاتسىيەنىڭ ھامىلىدار ئايالغا ۋە بالىغا تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
ئادەتتىكى چاغلاردا ئاستى ئۈستى چىشلارنى بىر – بىرىگە ئۇرۇپ بەرسە، چىشنى مۇستەھكەملەپلا قالماستىن، يەنە ئېغىز بوشلۇقىدىكى شۆلگەينىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىدۇ. شۆلگەي ئارىسىدىكى بىر قىسىم ئېنزىملارنىڭ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش، چىشنى تازىلاش رولى بار.
تۇغقاندىن كېيىن، بۇرۇنقى كونا ئادەت بويىچە چىشنى چوتكىلىماسلىققا پەقەت چايقاپلا قويۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئېغىزنى چايقاپلا قويغاندا
ئېغىزدىكى باكتېرىيەنى %15 ئازايتقىلى بولىدۇ، چىشنى چوتكىلىغاندا بولسا ئېغىزدىكى باكتېرىيەنى ئازايتىپ %6 كە چۈشۈرگىلى بولىدۇ، ئەگەر چىشنى چوتكىلىمىغاندا، ئاسانلا ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى