ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 40ـ ھەپتىسىدە ھامىلىدار ئاياللار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ھامىلىدارلىقنىڭ 40ـ ھەپتىسىدە ھامىلىدار ئاياللار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ۋاقتى: 2015-12-03 ئاۋاتلىقى: 803 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


1. تۇغۇتتىن بۇرۇن ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق تەكشۈرتۈش 
   تۇغۇشتىن بۇرۇن، يەنىلا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ يۈرەك سوقۇشىنى تىڭشاپ،  Bتىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم تەكشۈرتۈپ باش سۈيى ۋە بالىنىڭ بالىياتقۇدىكى ئەھۋالىنى ئىگەللەش كېرەك. 


2. تۆرەلمە قېپىنىڭ بالدۇر يېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش 
  تۆرەلمە قېپىنىڭ بالدۇر يېرىلىپ كېتىشى يەنى ئادەتتە كۆپ دەيدىغان باش سۈيىنىڭ بالدۇر يېرىلىپ كېتىشنى كۆرسىتىدۇ. نورمال ئەھۋالدا پەقەت بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشى رەسمىي باشلانغاندا بالىياتقۇ بوينى توختىماي ئېچىلىپ، بالا ۋە باش سۈيىنى ئوراپ تۇرغان پەردە بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بېسىمنىڭ تەسىرىدە يېرىلىپ، باش سۈيى چىقىدۇ ۋە بالىمۇ بىللە چۈشىدۇ. باش سۈيىنىڭ بالدۇر يېرىلىشى بولسا تۇغۇت تېخى رەسمىي باشلانماستىن تۆرەلمە پەردىسىنىڭ يېرىلىشى بولۇپ، جىنسىي يولدىكى باكتېرىيەلەر بالىياتقۇغا كىرىپ بالىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا ھامىلىدارلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە چوقۇم ئەر‏-ئاياللىق تۇرمۇشىدىن ساقلىنىپ، ھەر قانداق بالىياتقۇغا بېسىم ئېلىپ كېلىدىغان ئامىللاردىن ساقلىنىش كېرەك. 
3. مۇقىم ۋە ئازادە كەيپىياتنى ساقلاش
   كېلەيلا دېگەن تۇغۇتقا نىسبەتەن ئانا بولغۇچى ھەرگىز زىيادە جىددىيلەشمەسلىك كېرەك، بولۇپمۇ تۇنجى تۇغۇتلۇق ئاياللار تۇغۇتتىن بۇرۇن ئەركىن‏‏-ئازادە كەيپىياتنى ساقلاپ دوختۇرنىڭ ئانالىزى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىشىنىپ، تۇغۇتتىن بۇرۇن بولىدىغان ئالامەتلەرگە سالماق مۇئامىلە قىلىش كېرەك. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى