ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 22 ھەپتىسىدە ئاياللار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن خۇلاسە

ھامىلىدارلىقنىڭ 22 ھەپتىسىدە ئاياللار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن خۇلاسە

ۋاقتى: 2016-08-11 ئاۋاتلىقى: 845 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇشى ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىش
  ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى ئاڭلاش قەدىمدىن تارتىپ ئاددىي ھەم ئەمەلىي قوللىنىش قىممىتىگە بولغان ھامىلىنى كۆزىتىش ئۇسۇلى بولۇپ كەلگەن. ھامىلە 20 ھەپتىلىك بولغاندىن كېيىن ئاتا-ئانىلار ئۆيدە يۈرەك تىڭشىغۇچ ئارقىلىقلا ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى ئاڭلىيالايدۇ. ئاڭلاش نۇقتىسى ئادەتتە كىندىكنىڭ ئوتتۇرىسى ياكى سەل سول ياكى سەل ئوڭ تەرەپتە بولىدۇ. ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا: گەرچە ئىككى ئاۋاز بولسىمۇ بىرىنچى ئاۋاز بىلەن ئىككىنچى ئاۋاز ناھايىتى يېقىن، خۇددى سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ ماڭغىنىدەك«چىك-چاك» ئاۋاز چىقىدۇ. ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇشى ئادەتتە مىنۇتىغا 120 قېتىمدىن 160 قېتىمغىچە بولىدۇ، ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇشى مۇشۇ دائىرە ئىچىدە بولسا نورمال بولغان بولىدۇ، ئەگەر يۈرەك رىتىمدا ئاستىلاش ياكى تېزلىشىپ كېتىش قاتارلىقلار كۆرۈلسە ھامىلىنىڭ يۈرەك رىتىمىغا دىققەت قىلىش ئەگەر ئىزچىل ھالدا بىنورمال ھالەتتە بولسا تېزدىن دوختۇرغا كۆرسىتىش لازىم.


قوغۇشۇندىن بۇلغانغان مۇھىتتىن يىراق بولۇش
  ھامىلىنىڭ نېرۋا سىستېمىسى قوغۇشۇنغا ناھايىتى سەزگۈر، قوغۇشۇن ھامىلىنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ كەمتۈكلۈكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش، ھامىلىدار ئانىنىڭ زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى. ھازىر قوغۇشۇندىن بۇلغىنىشنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭرى، مەسىلەن: باتارېيە ، سىر، ماشىنىلاردىن چىققان قالدۇق گاز، گىرىم بۇيۇملىرى، تاماق لازىمەتلىكلىرى، خىمىيەۋى سانائەتتىن بۇلغىنىش قاتارلىقلار. شۇڭلاشقا قوغۇشۇننىڭ ھامىلىگە بولغان تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن ھامىلىدار ئاياللار قوغۇشۇندىن بۇلغانغان مۇھىتتىن يىراق تۇرۇشى، قوغۇشۇن مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەتمەسلىكى، قوماچ، كۆپتۈرۈلگەن يېمەكلىك قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلماسلىقى، قوغۇشۇن تەركىبلىك ئاشخانا لازىمەتلىكلىرىنى ئىشلەتمەسلىكى، ماشىنىلاردىن چىققان قالدۇق گازدىن يىراق تۇرۇشى لازىم.
ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە مۇۋاپىق ساياھەتكە چىقىش
  ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىگە كەلگەندىن كېيىن ھامىلىنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىش ئېھتىماللىقى تۆۋەن بولىدۇ، سېزىكلىك‹早孕反应›يوقىلىدۇ، شۇڭلاشقا بۇ مەزگىلنى پۈتۈن ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئەڭ مۇقىم، ئەڭ  بىخەتەر، ئەڭ راھەت مەزگىل دېيىشكە بولىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى ھەرىكەتنىڭ ئانىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى مۇۋاپىق چەكتە كونترول قىلىش، ھامىلىنىڭ ساغلام بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ئوينايدىغان رولى ناھايىتى چوڭ. شۇڭلاشقا بۇ مەزگىلدە ساياھەتكە چىقىشنى ئويلىشىپ كۆرۈشكە بولىدۇ.
پۇت ئەركىن-ئازادە تۇرىدىغان ئاياغلارنى تاللاش
  ساقلىقنى ساقلاش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ھامىلىدار ئاياللار ئاياق تاللىغاندا يېنىك، راھەت، پاشنىسى 2 سانتىمېتىردىن تۆۋەن، تېيىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان  ئاياغلارنى تاللىشى ئەڭ مۇۋاپىق. ھامىلىدار ئاياللار بوغقۇچلۇق ئاياغلار‹مەسىلەن: تەنتەربىيە ئايىقى›نى تاللاشقا بولمايدۇ. سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي، بىرىنچىدىن: ئەگەر ئاياغنىڭ بوغقۇچى مەھكەم چىگىلمەي قالسا پۇتلىشىپ يىقىلىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار. ئىككىنچىدىن: ھامىلىدار ئاياللار قورسىقى پۇلتىيىپ تۇرسا ئاياغنىڭ بوغقۇچىنى قانداق چىگىدۇ؟

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى