تۆرەلمە مەزگىلىدىن باشلاپ ئاۋاز ئارقىلىق تەربىيەلەش
ۋاقتى: 2014-03-10
ئاۋاتلىقى: 935 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
تۆرەلمە مەزگىلىدىن باشلاپ ئاۋاز ئارقىلىق تەربىيەلەشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى ھەم تەربىيەلەش ئۇسۇلى
ھامىلە ۋاقتىدىن باشلاپ ئاۋازلىق تەربىيەلەش دېگىنىمىز ئاتا-ئانىلارنىڭ مېھىرلىك، تەسىرلىك، ئوبرازلىق سۆزلىرى ئارقىلىق ھامىلە بىلەن پاراڭلىشىشى بولۇپ، ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى كۈچەيتىدۇ، شۇڭا، ھەر ۋاقىت بالىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك ھەم دائىم پاراڭلىشىپ بېرىش كېرەك.
ئۇنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى :
1. بالىنىڭ سۆز قىلىش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بالىنىڭ كېيىنچە قالتىس سۆزلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشىغا ئاساس سالىدۇ.
2. بالىنىڭ چوڭ مېڭىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چوڭ مېڭىدە ئەستە ساقلاپ، بالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
3. مېھىرى–مۇھەببەتكە تولغان ئاۋازلار بالىدا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ، بالىنى خۇشال قىلىدۇ.
4. بالىنىڭ تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسى بولغان مېھىرى–مۇھەببىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بالىنىڭ ساغلام كۆپ تەرەپلىمە بولغان ئادىمىيلىكىنىڭ شەكىللىنىشىنى تېزلىتىدۇ.
ئۇنداقتا، ھامىلىنى ئاۋاز ئارقىلىق تەربىيەلەش قانداق ئېلىپ بېرىلىدۇ؟
1. بالىڭىزغا بىر كۈنلۈك تۇرمۇشىڭىزنى ئېيتىپ بېرىڭ، يەنى ئەتىگەندە ئويغانغاندىن تارتىپ تاكى ئاخشىمى ئۇخلىغىچە، سىز ۋە سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىكىلەر نېمە قىلدى ؟ نېمىلەرنى ئويلىدى؟ نېمىلەرنى ھېس قىلدى؟ نېمىلەرنى دېدى ؟ بۇلارنى سىز گەپ – سۆزلىرىڭىز ئارقىلىق بالىڭىزغا سۆزلەپ بېرىشىڭىز كېرەك.
2. بىز ئەدەبىي تىلغا سەل قارىساق بولمايدۇ، ئەدەبىيات بىلەن مۇزىكا ئوخشاش، ئاسانلا ئادەمنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئېسىل ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يېقىملىق تىل ئارقىلىق بالىڭىزغا يەتكۈزگەندە، بالىنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، مەنىۋىيەتنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان ياخشى ماتېرىيالغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بالىڭىزغا سىز بىلەن بىللە ئەدەبىياتنىڭ ھوزۇرىنى ھېس قىلدۇرۇپ، سەنئەتتىن ھۇزۇرلىنالايدىغان ئىقتىدار يېتىلدۈرۈپ، چوڭ مېڭىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
3. مېھىرى-مۇھەببەتكە تولغان سۆزلەرنى قىلىش، ئاساس سۆزلەرنى تەكرار-تەكرار قىلىپ، كۈندىلىك تۇرمۇش مەزمۇنىنى بالىغا بىلدۈرۈش.
4. ھامىلىنى ئاۋاز ئارقىلىق تەربىيەلەش ئانا بولغۇچىنىڭلا ئىشى ئەمەس، ھەم دادىنىڭ ئىشى، شۇڭا دادا بولغۇچىمۇ بۇنىڭغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشى كېرەك.