ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

سېزىكنى پەسەيتىدىغان يېمەكلىكلەر تەۋسىيەسى

سېزىكنى پەسەيتىدىغان يېمەكلىكلەر تەۋسىيەسى

ۋاقتى: 2016-03-16 ئاۋاتلىقى: 908 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 تۈكلۈك قاقىلە پىننە بوتقىسى  
ئوزۇقلۇق تەھلىلى:  ھەر كۈنى 1 قېتىم، ئۇدا 3-5 كۈن ئىچىش. قۇسۇشنى توختىتىدۇ، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قۇسۇشىنى توختىتىدۇ.
تۈكلۈك قاقىلە 5 گرام، پىننە 10 گرام، گۈرۈچ 100 گرام، مۇۋاپىق مىقداردا ئاق شېكەر ئېلىش.
ئاۋۋال تۈكلۈك قاقىلىنى پاراشوك قىلىپ، پىننىنى پاكىزلاپ، قۇم قازانغا سۇ قويۇپ 10 مىنۇت چىلايمىز، قاينىتىپ شەربەت ياسايمىز.
گۈرۈچنى قۇيۇپ بوتقا ياسايمىز، بوتقا قاينىغان ۋاقىتتا تۈكلۈك قاقىلە پاراشوك ۋە ئاق شېكەرنى قوشۇپ، يەنە 1-2 مىنۇت قايناتساقلا بولدى.
قاقلاپ پىشۇرۇلغان بۇغداي ساندىۋىچى
خام ماتېرىياللار: بۇغداي ئۇنى بولكىسى بىر دانە، چىسى تالقىنى(起司粉)، قۇرۇق ئۈزۈم، ئۆرۈك مېغىزى، ياڭاق، گىلاس، ئۈزۈم قىيامى قاتارلىقلار مۇۋاپىق مىقداردا.
ياساش ئۇسۇلى:
  بۇغداي ئۇنى بولكىسىنى دوخوپكىغا سېلىپ بىر ئاز قاقلايمىز، ئاندىن ئۇنى ئېلىپ 4 كە پارچىلايمىز؛ ئاۋۋال سىرتقى قىسمىغا بىر قەۋەت ئۈزۈم قىيامى سۈركەيمىز، ئاندىن قۇرۇق ئۈزۈم، ياڭاق، ئۆرۈك مېغىزى، گىلاسلارنى ئۈستىگە قويىمىز، ئاخىرىدا چىسى تالقىنى(起司粉)نى يېيىلدۇرىمىز.


  ئوزۇقلۇق مەخپىيتى:
   قۇرۇق ئۈزۈم، ياڭاقلارنىڭ قۇسۇشنى توختىتىش رولى بولىدۇ. چىسى تالقىنى(起司粉)نىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن B تۈردىكىلەر مول بولغاچقا ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بىئارام بولۇشىنى ئازايتىش ۋە سېزىكنى پەسەيتىش رولى بولىدۇ. 
كوكوس شىرنىسى سۈت مەلھىمى 
  خام ماتېرىياللار:
 كوكوس شىرنىسى بىر ئىستاكان، ساپ سۈت 2 ئىستاكان، ئاق شېكەر 200 گرام، كاشتان تالقىنى 5 قوشۇق، چىلان 3 تال، سۈزۈك سۇ 3 ئىستاكان
  ياساش ئۇسۇلى:
چىلاننىڭ ئۇرۇقىنى چىقىرىۋېتىپ، كوكوس شىرنىسى ۋە كاشتان تالقىنىدىن قىيام ياسايمىز؛
ئاق شېكەر، ساپ سۈت، چىلاننى بىرلىكتە قاينىتىپ، ئۇنىڭغا كاشتان قىيامىنى ئاستا-ئاستا قۇيىمىز؛ مەلھەم قاينىغانغا قەدەر توختىماستىن قوچۇيمىز. ئاندىن قاچىغا قويۇپ ئىستېمال قىلسىلا بولىدۇ.
ئوزۇقلۇق مەخپىيتى
ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرلۈشى ئاشىدۇ، سېزىك ئادەتتە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇڭا يۇقىرى ئاقسىللىق، يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك كوكوس شەربىتى سۈت مەلھىمى ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلىشگە ياردەم بېرىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى