ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟

زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-03-11 ئاۋاتلىقى: 569 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدار بولغىلى 29 ھەپتە بولغاندا زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟


ھامىلىدار ئايال زەمبۇرۇغلۇق جىنسىي يول ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالسا داۋالاش چوقۇم ئۈزۈل-كېسىل بولۇش كېرەك، ھەرگىزمۇ ئالامەتلىرى بىر ئاز يېنىكلىسىلا دورا ئىشلىتىشنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. داۋالاش ئۇسۇلى: ھامىلىدارلىقنىڭ 12 ھەپتىسى ئىچىدە %2~%3 سودا سۈيى ئىشلىتىپ ئەۋرەت قىسمى ۋە جىنسىي يولنى يۇيۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەركۈنى ئىچ كىيىمنى ئالماشتۇرۇش، ھەم لۆڭگە بىلەن داسنى بىرگە قايناقسۇدا يۇيۇش كېرەك.
ھامىلىدارلىقنىڭ 12 ھەپتىسىدىن كېيىن يۇقىرىقى ئۇسۇل بىلەن يۇيۇپ سىرتقى ئەۋرەتنى ئېيتىپ قۇرۇتۇپ ھەم جىنسىي يولنىڭ چوڭقۇر قىسمىغا (دورا ئىسمى)制霉菌素栓剂咪康唑 ياكى (دورا ئىسمى)克霉唑 سېلىپ ھەركۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىشلىتىش كېرەك؛ سىرتقى جىنسىي يول ياللۇغى بولغان ۋاقىتتا 达克宁霜 نى سىرتتىن سۈرسە بولىدۇ. ئادەتتە 10~14 كۈن بىر داۋالاش باسقۇچى بولۇپ دورىنى توختىتىپ يەتتە كۈندىن كېيىن قايتا تەكشۈرتىمىز، ئالامەتلىرى يوقاپ 2 ھەپتىدىن كېيىن ئۈچىنچى قېتىم زەمبۇرۇغنى قايتا تەكشۈرۈپ ساقايغاندىن كېيىن داۋالاشنى توختاتسا بولىدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ 35-ھەپتىسىدىن كېيىن بالىياتقۇ ئىچىدە يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن جىنسىي يول ئىچىدە مەشغۇلات قىلىشقا بولمايدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى