ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 23-ھەپتىسدىكى ئاياللار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن خۇلاسە

ھامىلىدارلىقنىڭ 23-ھەپتىسدىكى ئاياللار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن خۇلاسە

ۋاقتى: 2016-06-27 ئاۋاتلىقى: 729 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بالىياتقۇ كىندىك قىسىمدىن 2 بارماق يۇقىرى ئورۇنغا كېلىدۇ.
بالىياتقۇ يەنىمۇ چوڭىيىپ كىندىكتىن 2 بارماق يۇقىرى ئورۇنغا يېتىپ باردى، ئاستىنقى قورسىقىڭىز تېخىمۇ پۇلتىيىپ چىقىپ قارىماققا بۇرۇنقىدەك چاققان بولماي قالدىڭىز. لېكىن نۇرغۇن ھامىلىدار ئاياللار بۇنى ھېس قىلالمايدۇ، ماڭغان چاغدا يەنىلا بۇرۇنقىدەك تېز قەدەم ئېلىپ ماڭىدۇ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى يەنىلا ناھايىتى چاققاندەك ھېس قىلسىڭىز زىيادە ئېھتىياتچان بولۇپ كېتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. بىراق ئېسىڭىزدە بولسۇنكى زىيادە كۆپ مىقداردىكى بەدەن ھەرىكىتى ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە ۋە تۇغۇتتىن ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا پايدىسىز.


بالىڭىزنىڭ چىشىنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن كالتسىي تولۇقلاڭ
  بۇ ۋاقىتتا ھامىلىنىڭ چىش مىلىكى ئاستىدىكى تۇراقلىق چىشلارنىڭ چىش تۆرەلمىسى يېتىلىشكە باشلايدۇ، بۇ سىزنىڭ كۆپرەك كالتسىي تولۇقلاپ بېرىشىڭىزگە ئېھتىياجلىق، بۇ بالىڭىزنىڭ كەلگۈسىدە چىشىنىڭ ساغلام بولۇشىنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ.
ئىچى سۈرۈپ قېلىشنىڭ بالىياتقۇ مۇسكۇلىنىڭ قىسقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىش
   ئىچى سۈرۈپ قېلىشنىڭ ھامىلىدار ئاياللار سالامەتلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ. ئىچى سۈرۈپ قېلىش، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ھەرىكىتىنىڭ تېزلىشىپ كېتىشىنى ھەتتا ئۈچەينىڭ تارتىشىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ بالىياتقۇنى غىدىقلاپ بالىياتقۇ مۇسكۇلنىڭ قىسقىرىشىنى ۋە شۇ ئارقىلىق ھامىلىنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىشى، ھامىلىنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشى قاتارلىق ناچار ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭلاشقا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئاياللارنىڭ ئىچى سۈرۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ناھايىتى مۇھىم.
ياغاچ تاغاق ئارقىلىق چاچ تاراش
  چاچ تاراش مېڭىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ياخشى ئۇسۇل، بەزى ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن چاچ چۈشۈشى تېزلىشىپ كېتىدۇ، تۇغۇتتىن كېيىن بۇ خىل ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ، ياغاچ تاغاق ئارقىلىق چاچ تاراپ بېرىش ئارقىلىق چاچ ئاسراش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. سولياۋ تاغاقلار ئارقىلىق چاچ تارىغاندا ئاسانلا سۈركەشتىن زەرەت ھاسىل بولۇپ چاچنىڭ ئۈزۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ماشىنا ھەيدىگەندە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش
  ماشىنىلارنىڭ ئائىلىلەرگە سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ نۇرغۇن ھامىلىدار ئاياللارمۇ شەخسىي ماشىنىلارغا ئىگە بولدى،  شەخسىي ماشىنا بۇلار ئۈچۈن نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە  بۇ ناھايىتى مۇھىم بولغان ئالاھىدە توپ ئۈچۈن ماشىنا ھەيدەش ۋە ماشىنىغا ئولتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىمۇ ئېلىپ كەلدى. شۇڭلاشقا ھامىلىدار ئاياللار ماشىنا ھەيدىگەندە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلارنى چوقۇم بىلىۋېلىشى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى