ھامىلىدارلىقنىڭ 25-ھەپتىسىدە ھامىلە مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى ھەققىدە
ۋاقتى: 2016-02-04
ئاۋاتلىقى: 942 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 25-ھەپتىسى تۆت ئۆلچەملىك رەڭلىك ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتكەندە، دوختۇر ھامىلىنىڭ كىچىك مېڭە- ئۇزۇنچاق مېڭە ئورىكىنىڭ كەڭلىكى 1.2 سانتىمېتىر دەيدۇ، بۇ نورمال ئەھۋالمۇ؟
20~30-ھەپتىلىرىدە ھامىلىنىڭ كىچىك مېڭە- ئۇزۇنچاق مېڭە ئورىكىنىڭ كەڭلىكى 10 مىللىمېتىردىن كىچىك بولىدۇ. ھەربىر ئادەمنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن بىر قىسىم پەرقلەر بولىدۇ. ئەگەر بۇنىڭدىن چوڭ بولۇپ كەتسە ھامىلىدە غەيرىيلىك كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بولىدۇ. يەنە ئىككى ھەپتىدىن كېيىن قايتا تەكشۈرتۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز، ياكى تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدىكى دوختۇرخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك. سىزنىڭ بوۋىقىڭىز كىرىتىك دائىرىنىڭ سىرتىدا ئىكەن، ئەگەر باشقا تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى نورمال بولسا، ھەر قېتىملىق تەبىئىي تەكشۈرۈشلەرنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ئېلىپ بارسىڭىزلا بولىدۇ، قەرەللىك ھالدا ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرتۈش كېرەك. ئەگەر كېيىنكى تەكشۈرۈشلەردە بۇ قىممەتنىڭ چوڭىيىۋاتقانلىقى بايقالسا، مېڭىگە سۇ يىغىلىش ئېھتىماللىقى كۆرۈلىدۇ.