ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

(تەۋسىيە) دادا بولغۇچىنىڭ ھامىلە تەربىيەسى ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك بەش تەييارلىقى

(تەۋسىيە) دادا بولغۇچىنىڭ ھامىلە تەربىيەسى ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك بەش تەييارلىقى

ۋاقتى: 2016-07-25 ئاۋاتلىقى: 759 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


ھامىلە تەربىيەسى ئۈچۈن دادا بولغۇچىنىڭ قاتنىشىشى ئىنتايىن مۇھىم، دادا بولغۇچى ھامىلە ئۈچۈن ياخشى بولغان تەربىيە مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.  ياخشى بولغان تەربىيە مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن دادا بولغۇچى نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك ؟
1. ياخشى بولمىغان رەڭلەرنىڭ ئايالىڭىزنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىڭ.
تەجرىبىلەردىن ئىسپاتلىنىشىچە،  ئوخشىمىغان رەڭلەرنىڭ ھامىلىدارنىڭ ئايالغا بېرىدىغان تەسىرى ئوخشاش بولمايدۇ.  يېشىل رەڭ ھامىلىدار ئايالنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇپ،  روھىنى كۆتۈرەڭگۈ قىلىدۇ،  يۈرەك سوقۇشىنى ئاستىلىتىپ،  نەپەسنى راۋانلاشتۇرىدۇ.  ھامىلىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق،  ھامىلىدارلىق ۋاقتىدىكى بىئاراملىقنى تۈگىتىدۇ.  شۇڭا،  ئەڭ ياخشىسى ئۆي ئىچىدە يېشىل رەڭلىك مۇھىت يارىتىشى لازىم.
2. ئايالىڭىزنىڭ ئۆي ئىچىدىكى بۇلغانمىلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىڭ.
ئەڭ  ياخشىسى ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىچىگە مەنفى ئىئوننى ھاسىل قىلىدىغان ئەسۋاپ ئورنىتىش ، ھەم دەل ۋاقتىدا يۇيۇپ،  دېزىنفېكسىيەلەپ تۇرۇش،  ھەم ھەر كۈنى ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.  ئەگەر يېڭى بېزىگەن ئۆي بولسا،  يېشىل رەڭلىك مۇھىتنى ئاسرايدىغان ماتېرىياللارنى تاللىغاندىن سىرت،  كەم دېگەندە 4 ئايدىن كېيىن ئاندىن ئۆيگە كۆچۈپ كىرىش كېرەك.  كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن،  ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن،  چۈشتىن كېيىن يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك.  ئۆيدە گۈل باقسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ،  مەسىلەن: جۈخارگۈلى،  يەسىمەن گۈلى،  قىزەن گۈلى،  كەترەن قاتارلىقلار.  ھەم باكتېرىيەنى ئۆلتۈرەلەيدۇ ھەم چاڭ- توزاننى سۈمۈرىدۇ،  ئۆيدىكى زىيانلىق ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى.



3. ئايالىڭىز ئۈچۈن رەتلىك،  ئىللىق ئائىلە مۇھىتى يارىتىڭ.
ئايالىڭىز ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن،  جىمجىت،  ئازادە مۇھىتقا ئىگە بولغاندىلا، ھامىلىنى ساغلام تەربىيەلىگىلى بولىدۇ.  شۇڭلاشقا،  دادا بولغۇچى قانچىلىك ئالدىراش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،  چوقۇم ئازراق ۋاقتىنى ئۆي ئىشلىرىغا ئاجرىتىشى ياكى تازىلىقچى چاقىرىپ كېلىپ ئۆيلەرنى تازىلىتىشى كېرەك.  ئۆي ئىچىنى پات-پات رەتلەپ تۇرۇشى كېرەك.  بېلىق ۋە گۈللەرنى بېقىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆي ئىچىنى ئىللىق كەيپىياتقا ئىگە قىلىش كېرەك.
4.  دادا بولغۇچى ئۆي ئىچىدە تاماكا چەكمەسلىكى كېرەك.
ئەگەر دادا بولغۇچى بىر تاماكا چەككۈچى بولسا،  شۇنى بىلىپ يېتىش كېرەككى تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنى تاماكا چەككۈچىدىن بەكرەك شۇ مۇھىتتا تۇرغۇچىلارغا بەك زىيانلىق، يەنە كېلىپ ھامىلىگە، كىچىك بالىغا تېخىمۇ زىيانلىق، تاماكا پەقەتلا زىيانلىق، پايدىسى يوق، شۇڭا بۇ مەزگىلدە ئائىلىڭىزنىڭ ساقلىقىنى قوغداشنى ئۆزىڭىزگە تۈزۈم قىلىپ تاماكىنى تاشلاڭ، نۇرغۇن كېسەللەر شۇ تاماكىدىن چىقىدۇ.  بىلىشى كېرەككى،  ئايالىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ تاماكا چەككەندە بۇ قورساقتىكى بالىغا يامان تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.  تەكشۈرۈشلەر ئىسپاتلىشىچە،  ھامىلىدار ئايال ئىس تۈتەك قاپلاپ تۇرغان مۇھىتتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرسا،  نەپەس يولىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىپلا قالماستىن،  ئاسانلا زۇكام بولىدۇ،  يەنە ھامىلىدە كالپۇك يېرىلىش،  تاڭلاي يېرىلىش يۈز بېرىشىنىڭ نىسبىتى ئاشىدۇ،  جىگەر،  بۆرەك،  ئۆپكە قاتارلىق ئەزالىرىمۇ زىيانغا ئۇچرايدۇ.(پەرىشتە ئانا-بالا تورى سىزگە بۇ پۇرسەتتە ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىز ئۈچۈن تاماكىنى تاشلىۋېتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىدۇ، ئەر كىشىدە ئىرادە بولسا كۆپ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ).



5.  شاۋقۇننىڭ ھامىلىگە زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىڭ        
ئايالىڭىزنىڭ ھۇجرىسىدا ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى تۇرمىغىنى ياخشى،  بولۇپمۇ توڭلاتقۇ،  ياڭراتقۇنىڭ ئاۋازىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى ۋە ئىشلىتىلىش ۋاقتىنى كونترول قىلىش.  ئەگەر ئۆي ئايرۇپىلان ئىستانسىسى ياكى قايناق بازارغا يېقىن بولسا،  ئەگەر ئىمكانىيەت بولسا جىمجىت جايلارغا كۆچۈپ بېرىش لازىم،  ئانىسىنىڭكىگە كېتىپ تۇرسىمۇ بولىدۇ،  سىرتقا چىققان تەقدىردىمۇ،  ۋاراڭ-چۇرۇڭ مۇھىتتا ئۇزۇن تۇرۇپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.  بولمىسا بويىدىن ئاجراپ كېتىش،  بالدۇر تۇغۇپ قويۇش، ھەتتا غەيرىي ھامىلىنىڭ تۇغۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى