ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 31-ھەپتىسىدە ئەسۋە پەيدا بولۇپ قالسا...

ھامىلىدارلىقنىڭ 31-ھەپتىسىدە ئەسۋە پەيدا بولۇپ قالسا...

ۋاقتى: 2016-01-29 ئاۋاتلىقى: 704 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدار بولغىلى 31 ھەپتە بولغان ۋاقىتتا بەدەن سەۋەبسىز قىچىشىپ قىزىل رەڭلىك ئەسۋە پەيدا بولۇش نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدۇ؟
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئۆت بوياق ماددىسى يىغىلىپ قېلىش يىغىندى ئالامىتى بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئويلىشىش كېرەك. بۇ كېسەلنىڭ ئاساسلىق خەتىرى بولسا ھامىلىنىڭ تۇغۇلىشىغا نىسبەتەن ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ، مەسىلەن: بالدۇر تۇغۇش، ھامىلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدە يېتىلىشى كېچىكىپ كېتىش، ھامىلىگە بالىياتقۇ ئىچىدە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك، ھامىلە بالىياتقۇ ئىچىدە ئۆلۈپ قېلىشنىڭ ئېھتىماللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھامىلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدە ئۆلۈپ قېلىشى تۇيۇقسىز بولۇپ ئالدىن پەرەز قىلىش قىيىن. ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ ئاياللار بۆلۈمىگە كۆرۈنۈپ ئېنىق دىياگنوز قويغاندىن كېيىن ئالامىتىگە قارىتا داۋالىتىش تەكلىپىنى بېرىمىز. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە جىگەر ئىچىدىكى ئۆت بوياق ماددىسى يىغىلىپ قېلىش ئالامىتى ھامىلىدار ئايال تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ، كېسەللىك كېيىنكى ئالامىتى ياخشى، ئارتۇقچە جىددىيلەشمەڭ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى