ھامىلىدارلىقنىڭ 31-ھەپتىسىدە بالا ھەمراھىنىڭ يېتىلىش دەرىجىسى 2~3-دەرىجە بولسا بەك بالدۇرمۇ قانداق؟
ۋاقتى: 2016-08-04
ئاۋاتلىقى: 655 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىن باشلاپ(28ھەپتە)B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى دوكلات قەغىزىدە بالا ھەمراھىنىڭ دەرىجىسى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، بۇ ۋاقىتتىكى بالا ھەمراھى دەرىجىسى كۆپىنچە 0~1 دەرىجە بولىدۇ، 36-ھەپتىگە كەلگەندە ئوڭ سول تەرەپتىكى بالا ھەمراھى 1~2 دەرىجە بولىدۇ، 40-ھەپتە ئەتراپىدا بالا ھەمراھى دەرىجىسى 2~3 دەرىجە بولىدۇ، ئادەتتىكىچە ئېيتقاندا 2 دەرىجىدىن يۇقىرى بالا ھەمراھى ھامىلىنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، ئەگەر بالا ھەمراھى 3 دەرىجىگە يەتسە بالا ھەمراھىنىڭ ئاللىبۇرۇن يېتىلىپ بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، ھەم قېرىشقا يۈزلىنىدۇ، بۇ بالا ھەمراھىنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ھامىلىنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈشىگە پايدىسىز.