ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 28-ھەپتىسى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ھامىلىدارلىقنىڭ 28-ھەپتىسى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ۋاقتى: 2016-06-29 ئاۋاتلىقى: 662 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1) تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈشنىڭ سانىنى كۆپەيتىش كېرەك.
28-ھەپتىدىن كېيىن ئانا بولغۇچى ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك، 36-ھەپتىدىن تاكى يەڭگىگىچە ھەپتىدە بىر تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك.
2) يۇيۇنغاندا تېيىلىپ كېتىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.
بەزى ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۆزىنىڭ كېلەڭسىزلىشىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، ئولتۇرۇپ قوپۇش قىيىنلىشىش، يېتىپ قوپۇشتا ئېرىنىڭ يۆلەپ قويۇشىغا تايىنىش، ھەتتا تازىلىق ئۆيىگە كىرگەندىمۇ قىينىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەزگىلدە بىخەتەرلىككە قاتتىق دىققەت قىلىش كېرەك. يۇيۇنغان ۋاقىتتا، مۇنچىنىڭ پولى تېيىلغاق بولۇپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇتتا ساپما كەش بولغاچقا، دىققەت قىلمىغاندا ئاسانلا يېقىلىپ چۈشىدۇ. گەرچە ھامىلىنى باش سۈيى قوغداپ تۇرسىمۇ، يەنىلا بالدۇر تۇغۇش خەتىرى كېلىپ چىقىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىخەتەرلىككە قاتتىق دىققەت قىلىش كېرەك، زۆرۈر بولغاندا كىچىك ئورۇندۇق قويۇپ يۇيۇنۇش كېرەك.


3) تۇغۇت دەۋرىگە قەدەم
ھامىلىدار ئايال ھامىلىدارلىقنىڭ 28-ھەپتىسى تۇغۇت دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ. بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ھامىلىنى تۇغۇت دوختۇرى ئەمەس بەلكى بالىلار دوختۇرى باشقۇرىدۇ. خەلقئارادا تۇغۇت دەۋرىنى ئوخشىمىغان تۆت خىل تۈرگە ئايرىيدۇ: ھامىلىدارلىقنىڭ 28-ھەپتىسىدىن باشلاپ تۇغۇپ بىر ھەپتە ئۆتكىچە؛ ھامىلىدارلىقنىڭ28-ھەپتىسىدىن باشلاپ تۇغۇپ تۆت ھەپتە بولغۇچە؛ ھامىلىدارلىقنىڭ 20-ھەپتىسىدىن باشلاپ تۇغۇپ تۆت ھەپتە بولغۇچە؛ تۆرەلمە شەكىللەنگەن بىرىنچى ھەپتىدىن باشلاپ تۇغۇپ بىر ھەپتە بولغۇچە؛ دۆلىتىمىز ئىككىنچى خىل ئۇسۇلنى ئۆلچەم قىلىدۇ، يەنى ھامىلىدارلىقنىڭ 28-ھەپتىسىدىن تاكى تۇغۇپ تۆت ھەپتە بولغۇچە تۇغۇت دەۋرى ھېسابلىنىدۇ. تۇغۇت دەۋرىدىكى ساقلىق ساقلاش نىزامى ئانا-بالىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئاساس قىلىش، ئانا ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ۋە مېيىپ بولۇپ قېلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشتىن ئىبارەت.
4) جىنسىي ئالاقىنى ئازايتىش كېرەك.
ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ( 7~10-ئايلىرى) جىنسىي ئالاقىنى ئازايتىش كېرەك، پەرەز قىلىنغان تۇغۇت ۋاقتىدىن ئالتە ھەپتە بۇرۇن پۈتۈنلەي توختىتىش كېرەك. ئۇنداق قىلمىغاندا بالدۇر تۇغۇش خەۋپى كېلىپ چىقىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى