ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە چەككىلەنگەن ماي ئىشلەتمەڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە چەككىلەنگەن ماي ئىشلەتمەڭ

ۋاقتى: 2015-11-24 ئاۋاتلىقى: 563 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كورلىدا بىر ھامىلدار ئايال ئۇيقۇنى ياخشىلاش ئۈچۈن چەككىلەنگەن ما ي ئىشلىتىپ بويىدىن ئاجراپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى
12-ئاينىڭ 16-كۈنى شىنجاڭ كورلىدا ھامىلىدار بولغىنىغا 9 ھەپتە بولغان بىر ئايال بېشى قاتتىق ئاغرىپ، كۆڭلى ئېلىشىش سەۋەبىدىن قىزىل كىرست مېھرى –شەپقەت تۇغۇت دوختۇرخا نىسىغا ئېلىپ بېرىلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىشارەتلىك بويىدىن ئاجراش ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان بولۇپ، بەختكە يارىشا ھامىلىگە تەسىر يەتمىگەن ھەم ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق خەۋپ –خەتەرنىڭ ئالدى ئېلىنغان. 
دوختۇرنىڭ ئېنىقلىشىچە، بۇ ھامىلىدار ئايال ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى كۈتۈنۈشكە ئالاھىدە دىققەت قىلغان بولۇپ، يېقىنقى مەزگىلدىكى يېمەك –ئىچمەك ۋە تۇرمۇش ئادىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان، ئوخشىمايدىغان بىرلا يېرى يېقىندىن بېرى ئۇيقۇنى ياخشىلاش ئۈچۈن چەككىلەنگەن ماي ئىشلەتكەن. 
مەزكۇر دوختۇرخانا تۇغۇتتىن بۇرۇنقى دىئاگنۇز بۆلۈمى مۇدىرىنىڭ  تونۇشتۇرۇشىچە، چەككىلەنگەن ماينىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئۆسۈملۈك ھورمۇنى بار بولۇپ، ھامىلىدار ئايالنىڭ پۇراش نېرۋىسىغا تەسىر قىلىپ، مېڭە قاتارلىق ئورگانلارغا تەسىر قىلىش ئارقىلىق باش ئاغرىش، كۆڭۈل ئېلىشىش، ياندۇرۇش، ئېغىر بولغاندا ھامىلە مۇقىمسىزلىشىش، ھەتتا بويىدىن ئاجراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، شۇنىڭدەك ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە (14-ھەپتىدىن بۇرۇن) كۆپىنچە چەككىلەنگەن مايلارنىڭ ئىشلىتىلىشى چەكلىنىدىكەن. 
ئۇنىڭدىن سىرت، كۈچلۈك بولغان بەزى گۈللەرنىڭ پۇراقلىرىنىڭمۇ  ھامىلىدار ئاياللارغا قارىتا غىدىقلاش رولى بار بولۇپ، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يەسىمەن گۈلى، سۆگەرگۈلى، سابىرا قاتارلىق پۇرىقى كۈچلۈك بولغان گۈللەر بىلەن ئاز ئۇچرىشىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بۇ خىل ئۆسۈملۈكلەر يەنە كېچە مەزگىلىدە كاربون تۆت ئوكسىد چىقىرىدىغان بولغاچقا، ئەڭ ياخشىسى ياتاق ئۆيگە قويماسلىق كېرەك. 
مۇتەخەسسىسلەر ئەسكەرتىپ مۇنداق دەيدۇ، ھامىلىدار ئاياللاردا ئۇيقۇسىزلىق كۆرۈلگەندە، كالتسىي كەملىك ياكى قان ئازلىق كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقىنى ئويلىشىپ، سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن كالتسىي ياكى تۆمۈر تولۇقلىسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھامىلىدار ئاياللار يانچە يېتىش، ئىككى پۇتىنى ئېگىپ يېتىش قاتارلىق ئۇخلاش ھالىتىگە ئادەتلىنىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا ھامىلە ھامىلىدار ئايالنىڭ قورساق قىسمىدىكى چوڭ قان تومۇرلارنى بېسىۋالمايدۇ ۋە ھامىلىدار ئايالنىڭ يۈرەك بېسىمى ئازايتىپ، ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى