ھامىلىدارلىقنىڭ 28-ھەپتىسى ھامىلە تەۋرىنىشىنى قانداق ئۆلچەش كېرەك؟
ۋاقتى: 2013-12-22
ئاۋاتلىقى: 625 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئادەتتە ھامىلىدارلىقنىڭ 15-ھەپتىسىدىن 20-ھەپتىسىگىچە ھامىلىدار ئايال ھامىلە تەۋرىنىشىنى ھېس قىلالايدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ 28~32-ھەپتىلىرى ھامىلە تەۋرىنىشى يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ. 38-ھەپتىدىن كېيىن بارا-بارا ئازلاپ كېتىدۇ. ھامىلىدار ئايال 28-ھەپتىدىن باشلاپ ھامىلە تەۋرىنىشىنى ئۆلچىسە بولىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەن، چۈش ۋە كەچتە بىر قېتىمدىن، ھەر قېتىمدا بىر سائەت ئولتۇرۇپ ياكى يان يېتىپ، قولنى قورساققا قويۇپ ھامىلە تەۋرىنىشىنى ھېس قىلسا بولىدۇ، ئادەتتە ھامىلە تەۋرىنىشى سائىتىگە 3~5 قېتىم بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ.