ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنىڭ ئالامىتى

ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنىڭ ئالامىتى

ۋاقتى: 2016-02-18 ئاۋاتلىقى: 711 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنىڭ ئاساسلىق  كىلىنىكىلىق ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىدەك:
1. قان بېسىمى يۇقىرىلايدۇ، قىسقىراش بېسىمى 17.3 kpa (130mmHg)  دىن تۆۋەن، ياكى بوشىشىش بېسىمىkpa(90mmHg) 12.0 ياكى ھامىلىدارلىقتىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا/2kpa(30/15mmHg) 4 يۇقىرى بولسا دىياگنوز قويۇشقا بولىدۇ.
2. سۇلۇق ئىششىق،  كىلىنىكىدا بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، ھەر ھەپتىدە 0.5 مىڭ گىرامدىن كۆپرەك ئاتىدۇ، ئىككى پۇت ۋە قورساق دىۋارىدا سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئىستىسقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئارام ئالسىمۇ سۇلۇق ئىششىق يانمايدۇ.


3. ئاقسىل سىيىش، ئادەتتە سۈيدۈكنىڭ ئوتتۇرىدىكى پاكىزە قىسمىدىن ئەۋرىشكە ئالىمىز، سۈيدۈكتىكى ئاقسىل مىقدارى (+) ياكى(+) دىن يۇقىرى، ياكى 24 سائەت ئىچىدە سۈيدۈكتىكى ئاقسىل مىقدارى 5 گىرام دىن كۆپ بولسا دىياگنوز قويۇشقا بولىدۇ.
4. بىماردا ئۆزلۈكىدىن بېشى ئاغرىش، بېشى قېيىش،  كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش، كۆزى تورلىشىش، ئۈستۈنكى قورساق ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
تارتىشىپ ھوشسىزلىنىش، بۇ كېسەللىكنىڭ ئەڭ ئېغىر ھالەتكە يەتكەنلىكىنىڭ ئالامىتى، تۇغۇتتىن ئىلگىرى، تۇغۇت ئۈستىدە ياكى تۇغۇتتىن كىيىن يۈز بېرىدۇ. تارتىشىپ قالغان بىماردا يۈز مۇسكۇلى چىڭقىلىش، چىشى كىرىشىش، كۆز ئالمىسى بىر ئورۇنغا قادىلىش، ئارقىدىنلا  مۇسكۇللىرى قېتىپ قېلىش، قاتتىق تارتىشىش، نەپەستىن توختاش، سېزىمىنى يوقۇتۇش، تەرىتىنى تۇتالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. قايتا قوزغىلىش قېتىم سانى كۆپ بولغان ياكى ئۇزۇن مۇددەت ھوشسىز ھالەتتە تۇرغان بىمارلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى