ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

دەسلەپكى ھامىلىدارلىقتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك ؟

دەسلەپكى ھامىلىدارلىقتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك ؟

ۋاقتى: 2016-03-04 ئاۋاتلىقى: 685 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

   دەسلەپكى ھامىلىدارلىق  ئانا بولغۇچىلا ئاساسىي جەھەتتىن بېسىپ ئۆتىدىغان باسقۇچ بولۇپ، دەسلەپكى ھامىلىدارلىق ئانا بولغۇچىغا نىسبەتەن سەل تەس كېلىدۇ، بۇنى يەڭگىللىتىشنىڭ ئۇسۇلى ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار قايسى ؟
1. تاللىغان يېمەكلىك ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئاسان سۈمۈرۈلىدىغان بولۇشى شۇنداقلا كۆڭلى ئېلىشىشنى پەسەيتىدىغان بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، بولكا، پېچىنە-پىرەنىك، شوۋىگۈرۈچ قاتارلىقلار، قۇرغاق يېمەكلىكلەر كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەرنى باسىدۇ، شوۋىگۈرۈچ  بولسا، ياندۇرغاندا يوقاتقان سۇ تەركىبىنى تولۇقلايدۇ.


2. يېمەكلىكنىڭ  شەكلى ئادەمنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىنى تارتالايدىغان بولۇشى كېرەك. يەنە ئوخشاشلا يېنىك، ئوزۇقلۇق قىممىتى  يۇقىرى بولۇشى كېرەك. مەسىلەن پەمىدۇر، تەرخەمەك، مۇچ، يېڭى موگو، يېڭى دولانە، ئالما دېگەندەك. ئۇلارنىڭ رەڭگى كۆركەم، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغىيالايدۇ.
3.تاماق يېيىش جەريانىدا، كەيپىياتنى خۇشال تۇتۇش كېرەك. تاماق يەۋاتقاندا  يېنىك مۇزىكىلارنى ئاڭلىسا، تاماق ئۈستىلىگە ئازراق يېڭى گۈللەرنى تىزىپ قويسا، ئېغىر ئاياق ئايالنىڭ دەسلەپكى تۇغۇتتىكى قورقۇنچىنى ۋە قۇسۇشنىڭ بىئارامچىلىقىدىن قۇتۇلۇشقا ياردىمى بولىدۇ. ھەم تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىپ، ھامىلىنىڭ  نورمال ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.



4. يېمەكلىك  تەمى ۋە پىشۇرۇلۇشى جەھەتتە كۆپ خىل بولۇشى كېرەك، ئامالنىڭ بارىچە ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ كېمىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
ھامىلىدار ئايالنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ئوخشىمىغان خام ماتېرىيال ۋە پىشۇرۇش ئۇسۇلىنى تاللاش كېرەك.ئەگەر ھامىلىدار ئايال ئاچچىق چۈچۈككە ياكى باشقا تەمگە ئالاھىدە ئامراق بولسا، تاماق پىشۇرغاندا لىمون شەربىتى، ئاچچىقسۇنى ئارلاشتۇرۇپ سوغۇق سەي قىلىپ بەرسە بولىدۇ، ياكى ئازراق ئاچچىق تەمى چىقىدىغان ماتېرىيال يەنى زەنجىۋىل، مۇچ قاتارلىقلارنى قوشۇشقىمۇ بولىدۇ، يېمەكلىكنى غىدىقلاش خۇسۇسىيتىگە ئىگە قىلىش كېرەك، بۇ ئارقىلىق ئىشتىھانى ئېچىش كېرەك. سوغۇق يېمەكلىكلەر يېمەكلىكنىڭ ئاشقازاننى غىدىقلىشىنى ئاجىزلىتالايدۇ، يەنى ئارىلاشتۇرۇلغان سوغۇق مور، ئارىلاشتۇرۇلغان پىدىگەن، ئازراق چوكا مۇز ياكى مارۇژنا قاتارلىقلار. تاماق ئېتىش جەريانىدا ئوزۇقلۇق ماددىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش
كېرەك، يەنى كۆكتاتنى، گۈرۈچنى يۇغاندا يۇيۇش قېتىم سانى بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، كۆكتاتنى توغراپ بولغاندىن كېيىن يۇماسلىق، چىلىماسلىق كېرەك. گۈرۈچنى ئىسسىق سۇدا يۇماسلىق كېرەك. كۆكتاتنى قورۇش جەريانىدا كۈچلۈك ئوتتا تېز قورۇش كېرەك، گۆش قاتارلىقلار بىلەن بىللە قورۇغاندا ئازراق كراخمال قوشۇۋېتىش كېرەك، چۈنكى كراخمال تەركىبىدە ئوكسىدسىزلىغۇچى بولغان گلوتاتىئون (谷胱甘肽) بولۇپ، ۋىتامىن C نى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى