ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى نېمە ؟

ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى نېمە ؟

ۋاقتى: 2015-07-20 ئاۋاتلىقى: 630 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس، ئادەتتە تۆۋەندىكى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىدۇ.
1. بالىياتقۇ بالا ھەمرىيىدىكى قان كەملىك        كۆپ كېزەكلىك ھامىلىدارلىق، باش سۈيىنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشى، تۇنجى تۇغۇتلۇق ئايال، بالىياتقۇنىڭ ھەددىدىن زىيادە يوغىنىشى قاتارلىقلار بالىياتقۇ بوشلۇقىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، بالىياتقۇ بالا ھەمرىيىدىكى قان ئايلىنىشنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ دە، قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك، قان تومۇر سىپازمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ بۇ ئارقىلىق قان بېسىمنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. بەزىلەر بالىياتقۇ ياكى سويۇلغۇچى پەردە توقۇلمىسىدىكى قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمىگەنلىكتىن، بىرخىل بېسىم ئاشۇرغۇچى ماددا ھاسىل قىلىپ، قان تومۇر سىپازمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ دەپ قارايدۇ.


2. ئىممۇنىتېت ۋە ئىرسىيەت كىلىنىكىدا كۆپ تۇغقان ئاياللاردا ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدۇ. ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئانىلارنىڭ ئەۋلادىدا بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ. بەزىلەر ھامىلىدارنىڭ يوشۇرۇن گېنى ياكى يوشۇرۇن ئىممۇنولوگىيەلىك رېئاكسىيە گېنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ.
پىروستاگلاندىن كەمچىللىك  پىروستاگلاندىن تۈرىدىكى ماددىلار قان تومۇرنى كېڭەيتىۋېتىدۇ، ئادەتتە ئادەم بەدىنىدىكى بېسىم ئاشۇرغۇچى ماددا ۋە بېسىم چۈشۈرگۈچى ماددا تەڭپۇڭ ھالەتتە تۇرۇپ، قان بېسىمىنى گورىزونتال ھالەتتە ساقلايدۇ. قان تومۇرنى كېڭەيتكۈچى ماددا پىروستاگلاندىن ئازايسا، قان تومۇر دىۋارىنىڭ بېسىم ئاشۇرغۇچى ماددىغا بولغان تەسىرى كۈچىيىپ، قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى