ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

پايدىلىق بولغان 3 خىل ھامىلە تەربىيەسى

پايدىلىق بولغان 3 خىل ھامىلە تەربىيەسى

ۋاقتى: 2016-03-23 ئاۋاتلىقى: 763 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


ھامىلە ۋاقتىدىن باشلاپ تەربىيەلەشنىڭ رولىنى كۆپىنچە كىشىلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن،  توغرا،  مۇۋاپىق بولغان ھامىلە ئارقىلىق تەربىيەلەش بالىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا پايدىلىق،  ناتوغرا،  مۇۋاپىق بولمىغان ھامىلە تەربىيەسى بولسا بالىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ.
1.  دائىم ھامىلىنى سىرتىدىن سىلاپ بېرىش،  يېنىك ئۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق ھامىلىنىڭ تېرىسىنى غىدىقلاش،  سىلىغاندا تېرە بۇ سىگنالنى چوڭ مېڭىگە يەتكۈزۈپ چوڭ مېڭىنى غىدىقلىغاندىن كېيىن،  ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.  يېنىك ئۇرۇلغاندا تەۋرىنىش سېزىمى باش سۈيى بىلەن بىللە ھامىلىنىڭ تېرىسىگە يېتىپ بارىدۇ.  ھەر كۈنى ئوخشاش مەشغۇلاتنى 15~10 مىنۇتقىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، قول ھەرىكىتى چوقۇم  يېنىك،  يۇمشاق بولۇشى كېرەك.


2. ھامىلىدار ئايالنىڭ كەيپىياتى خۇشال بولۇشى،  ئەتراپتىكى مۇھىت ئازادە بولۇشى،  ئاچچىقلانماسلىقى،  جىددىيلەشمەسلىكى،  ئەگەر كەيپىياتى ياخشى بولمىسا،  بۆرەك ئۈستى بەز پوستلاق ھورمۇنى كۆپىيىپ، ھامىلىنىڭ بەدىنىدىكى ئاقسىلنىڭ بېرىكىشى ئازىيىپلا قالماستىن،  ھامىلىدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە كالپۇك يېرىلىش،  تاڭلاي يېرىلىش ھەتتا جىنسىي يولدىن كۆپ قان چىقىشتەك ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ.  ئولتۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ رەڭگى سۇس رەڭدە بولۇشى،  رەڭگى يېقىملىق،  تازىلىقى ياخشى بولۇشى كېرەك.  ئۆي ئىچىدە تاماكا چەكمەسلىك،  ئۆي ئىچى ھاۋاسىنى ساپ پېتى ساقلاش.



3. يىقىملىق ئاۋازلارنى(قۇرئان تىلاۋىتىدىن يىقىملىق ئاۋاز بولمىسا كېرەك) ئاڭلاپ بەرگەن بوۋاقلار 4-ئايدىن باشلاپلا،  بالىياتقۇنىڭ سىرتىدىكى ئاۋازلارنى ئاڭلىيالايدۇ،  5–ئايدىن باشلاپلا ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى شەكىللىنىدۇ.  ئەگەر بىر قەدەر قەدىمىي،  يېقىملىق ئاۋازلارنى تاللىغاندا،  ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدىنىدىكى ئاتسىتىلخولىننىڭ ئاجرىلىشىنى كۆپەيتىپلا قالماستىن،  بالىياتقۇدىكى قاننىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىپ،  ھامىلىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.  تولغانما ئۇسۇل مۇزىكىسىغا ئوخشاش يۇقىرى ئاۋازلارنى ئاڭلاشتىن قەتئىي ساقلىنىش،  چۈنكى بۇنداق مۇزىكىلار ھامىلىنى چۆچىتىۋېتىدۇ،  يۈرەك رېتىمىنى تېزلىتىپ،  ھامىلىنىڭ ھەرىكىتىنى تېزلەشتۈرۈۋېتىدۇ.  كانايچىنى ھامىلىدار ئايالنىڭ قورساق قىسمىغا بىۋاسىتە قويسا بولىدۇ.بالىمىزنى كىچىكىدىنلا ناخشا-مۇزىكا بىلەن زەھەرلىمەيلى!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى