ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى قانداق ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى قانداق ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

ۋاقتى: 2015-04-04 ئاۋاتلىقى: 599 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىمىدىن بولغان يۈرەك كېسىلى: كۆپىنچە ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلىدە ياكى تۇغۇتتىن كىيىنكى  48 ـ 24 سائەت ئىچىدە تۇيۇقسىز زېھنى كۈچى زەئىپلىشىش، نەپەس قىيىنلىشىش، چىراي تاتىرىش ياكى كۆكىرىش، ھالرەڭ كۆپۈكسىمان  ياكى قان ئارىلاش بەلغەم تۈكۈرۈش،نەپەس تېزلىشىش قاتارلىق ئامىللار كۆرۈلىدۇ.
2. بالا ھەمرىيى بالدۇر تۆكۈلۈش: بالا ھەمرىيى بالدۇر تۆكۈلگەندە ئاسانلا تارقىلىشچان خاراكتېرلىك قان قېتىش(弥散性血管内凝血) ۋە جىددىي خاراكتېرلىك بۆرەك ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالا ھەمرىيى بالدۇر تۆكۈلۈش ئانا بالىغا ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ، دىياگنوز قويۇلغان ھامان  ھامىلىدارلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش، قاناشنى ۋە شوك بولۇپ قىلىشنى ئوڭشاش كېرەك.


3. قان ئۇيۇش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش: ئاساسلىق ئالامەتلىرى قان چىقىش،قان ئۇيۇماسلىق.
4. مېڭىگە قان چۈشۈش: كېسەل پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمەيدۇ، باش تۇيۇقسىز قاتتىق ئاغرىش ھەمدە چەكلىمىلىك تارتىشىپ قېلىشتىن قوزغىلىدۇ، ھوشسىزلىقنى ھەتتاكى ئۆلۈم ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاش: جىددىي خاراكتېرلىك بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاشنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى بولسا ئاز سىيىش، 24 سائەت ئىچىدىكى سۈيدۈك مىقدار ml 400  دىن ئاز بولۇش، ئاز سىيىش باسقۇچىدىن كىيىن كۆپ سىيىش باسقۇچىغا كىرىدۇ، كۈنلۈك سۈيدۈك مىقدارى ml5000 ـ 6000  دىن يۇقىرى بولىدۇ.
6. تۇغۇتتىن كىيىنكى قان ئايلىنىشى ئاجىزلاش: كۆپىنچە تۇغۇتتىن كىيىنكى 30 مىنۇت ئىچىدە، قان بېسىمى تۇيۇقسىز تۆۋەنلەش، چىرايى تاتىرىش، پۇت ـ قوللىرى مۇزلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى