ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-05-14 ئاۋاتلىقى: 824 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. تۇغۇتتىن بۇرۇن تەكشۈرتۈش، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش. ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە قان بېسىمىنى ئۆلچىتىش، ھەمدە ئۇنى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئاساسىي قان بېسىمى دەپ ھېسابلاش، كىيىن قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش، بولۇپمۇ ھامىلىدارلىقنىڭ 36 ـ ھەپتىسىدىن كىيىن، ھەر ھەپتىدە قان بېسىمىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىش ، ئاقسىل سىيىش، باش قېيىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ بار يوقلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
2. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئوزۇقلىنىش ۋە ئارام ئېلىشنى كۈچەيتىش. ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا ۋە كىيىنكى مەزگىلىدىكى ئوزۇقلىنىشنى كۈچەيتىش، بولۇپمۇ ئاقسىل،كۆپ خىل ۋىتامىن ، يوپۇرماق كىسلاتاسى، تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلايدىغان ئوزۇقلۇقلار  ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. چۈنكى ئانا  تېنىدە ئوزۇقلۇق كەمچىل بولۇش، قاندا ئاقسىل كەملىك كېسىلى بار بولۇش ياكى ئېغىر دەرىجىدىكى قان كەملىك كېسىلى بولۇش ھامىلىدارلارنىڭ كېسەللىك پەيدا بولۇش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.


3. كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىلغا ئېتىبار بېرىش، يىلتىزىدىن داۋالاش كېرەك. جەمەتىدىكى كېسەللىك تارىخىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلىنىش، ھامىلىدارنىڭ مومىسى، ئانىسى ۋە ھەدە سىڭىللىرىدا ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى بارمۇ يوق، ئەگەر بار بولسا، ئىرسىيەت تەرەپتىن ئويلىشىش كېرەك. ھامىلىدار ئەگەر ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى بىرلەمچى يۇقىرى قان بېسىمى، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى ۋە دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا، ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ. ناۋادا قىش پەسلى ھامىلىدارلىق بولۇپ قالسا تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، ۋاقتىدا داۋالاش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى