ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئوتتۇرا دېڭىز كەمقانلىق كېسىلى بىمارى كۈندىلىك تۇرمۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ئوتتۇرا دېڭىز كەمقانلىق كېسىلى بىمارى كۈندىلىك تۇرمۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ۋاقتى: 2016-07-18 ئاۋاتلىقى: 885 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. قالايمىقان دورا يېمەسلىك: نۇرغۇنلىغان جۇڭيى دورىسى ۋە غەرب تېبابىتى دورىسى ئوتتۇرا ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى كەمقانلىق كېسىلى بىمارىنىڭ گېمولىز ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، تېخىمۇ ئېغىر دەرىجىدىكى كەم قانلىق ۋە سېرىقلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ دورىلارنى يېگەندىن كېيىن بىئارام بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە تىزدىن رويخەتكە ئالدۇرغان دوختۇرنى ئىزدەش، ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا، ئېغىر دەرىجىلىك كەمقانلىق كېسىلى بىمارى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش، مۇۋاپىق دورا تاللاش، جۇڭيى دورىسى بولسۇن ۋە ياكى غەرب تېبابىتى دورىسى بولسۇن قالايمىقان دورا يېيىشتىن قەتئىي ساقلىنىش لازىم. بۇنىڭدىن سىرت، ئاتالمىش ۋىتامىن ياكى «قان تولۇقلىغۇچى» دورىلارنىڭ تەركىبىدە تۆمۈر بولۇشى مۇمكىن، ئوتتۇرا دېڭىز كەمقانلىق كېسىلى بىمارى بۇ خىل دورىلارنى يېيىشتىن ساقلىنىش، ئارتۇق مىقداردىكى تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم.


2. يېمەكلىكنىڭ تەڭشىلىشىگە دىققەت قىلىش: ئادەتتە ئوتتۇرا دېڭىز كەمقانلىق كېسىلى بىمارى پەقەت ئوزۇقلىنىشنى تەڭشىسىلا كۇپايە، ئاتالمىش «قان تولۇقلىغۇچى» يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشى ھاجەتسىز. ئەكسىچە، تۆمۈر مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان جىگەر، كالا گۆشى، پالەك، ئالما قاتارلىقلارنى كۆپ مىقداردا ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ.



3. مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش: مۇۋاپىق ھەرىكەت بولسا ساغلاملىقنى ساقلاش ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر. ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ بەدىنىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىگە قاراپ ئۇلارنىڭ ھەرىكەت مىقدارىنى چەكلىمەسلىكى كېرەك. ئەمەلىيەتتە، ھەرىكەت مىقدارىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى كېسەلنىڭ بەدەن ساپاسى تەرىپىدىن تەڭشىلىدۇ،  ھارغىنلىق ھېس قىلغان چاغدا ئۆزلۈكىدىن توختاپ ئارام ئالىدۇ. قەرەللىك قان سېلىپ داۋالىنىدىغان ئېغىر دەرىجىدىكى كەمقانلىق كېسىلى بىمارىنىڭ بەدىنى زىيادە ئاجىزلاپ كەتسە بولمايدۇ. يۈرەك زەئىپلىشىشكە ئوخشاش ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلۈشكە باشلىغان چاغدا بىمار قاتتىق ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.
4. دوختۇرغا كۆرۈنۈپ تۇرۇش: تالنى كېسىپ ئېلىۋېتىلگەن بىمارنىڭ  باكتېرىيىگە بولغان تاقابىل تۇرۇش كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدىغان بولغاچقا قىزىش ئالامىتى كۆرۈلگەن چاغدا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈش، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى