ھامىلىدار ئاياللار ماشىنا ھەيدىگەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟(1)
يانفوندا كۆرۈش
ماشىنىنىڭ رىتىمى شىددەتلىك بولۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
ھامىلىدار ئاياللار ماشىنا ھەيدىگەندە ماشىنىنى جىدىدىي تۇرمۇزلاشتىن ۋە جىددىي بۇراشتىن ساقلىنىش، چۈنكى بۇنداق بولغاندا سوقۇلۇش كۈچى ناھايىتى چوڭ بولۇپ كېتىپ ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قورقۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ھامىلىدار ئاياللار يەنە يېڭى ماشىنىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەيدىشى لازىم، چۈنكى يېڭى ماشىنىنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم پۇراقلار بار، شۇڭا يېڭى ماشىنىنى سېتىۋېلىپ كەلگەندىن كېيىن ماشىنىنىڭ ئىشكىنى ئېچىپ قويۇپ، بىرقىسىم خىمىيىلىك پۇراقلارنى چىقىرىپ تاشلاش، ئاندىن بىر ئاز تۇرۇپ ياكى قوي يۇڭى قويۇپ قويۇش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا بەزى غەيرىي پۇراقلارنى سۈمۈرتكىلى بولىدۇ.
ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى بەك تۆۋەن قىلىپ قويماسلىق
ماشىنىنىڭ ئىچىدىكى ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئەڭ ياخشى تېمپېراتۇرىسى 26سېلىتسىيە گېرادۇس، ھامىلىدار ئاياللا ھامىلىدار ئاياللار ئىچىدە ئولتۇرغاندا ئەڭ يەڭ ياخشىسى تېمپېراتۇرىسى بەك تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك، ھاۋا بەك ئىسسىق بولمىغاندا ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاچماسلىق، دېرىزىنى ئېچىپ شامالدىن ھۇزۇرلانسا بولىدۇ.