ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كومپيۇتېر رادىئاتسىيەسى ۋە بوۋاقلار غەيرىيلىكىنىڭ مۇناسىۋىتى

كومپيۇتېر رادىئاتسىيەسى ۋە بوۋاقلار غەيرىيلىكىنىڭ مۇناسىۋىتى

ۋاقتى: 2016-06-04 ئاۋاتلىقى: 681 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كومپيۇتېر رادىئاتسىيەسى ۋە بوۋاقلار غەيرىيلىكىنىڭ مۇناسىۋىتى مۇقەررەر ئەمەس.
ئونداقتا، كومپيۇتېر رادىئاتسىيەسىنىڭ تەسىرى ئوخشىمىغان كىشىلەرگە قارىتا پەرقلىق بولامدۇ؟ سەزگۈر كىشىلەر توپىغا تەۋە بولغان ھامىلىدار ئاياللار كومپيۇتېردىن يىراق تۇرۇشى لازىممۇ؟ تۆۋەندىكى سانلىق مەلۇماتلار بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرەلەيدۇ: بېيجىڭ ئونىۋېرسىتېتى كۆپيىش ساغلاملىقى تەتقىقات ئورنى 1991 يىلىدىن باشلاپ، پۈتۈن مەملىكەت تەۋەسىدە ھامىلە مەزگىلىدىن باشلاپ 7 ياشقىچە بولغان 20 مىليۇن بالىغا قارىتا ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، ھازىرغا قەدەر مۇتەخەسسىسلەر تېخى  ئانىلارنىڭ كومپيۇتېر ئشلىتىشىدىن بوۋاقلارغا يامان تەسىر پەيدا قىلىدىغان ئەھۋالارنى بايقىمىدى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ئاللىقاچان شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتتىكى: ھامىلىدار ئاياللارنىڭ تۇغۇت ھادىسىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى  ئەڭ ئاساسلىقى بولسا، خىزمەتتىكى چارچاش ۋە زىيادە جىددىيلىشىشى، كومپيۇتېرنىڭ ئېلېكتر مەيدانى بولسا ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئامىل.


 جۇڭخۇا ئىلمىي  جەمئىيىتى تېببىي شۆبە جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرىستېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىسى تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىرغىچە نوپۇزلۇق تەكشۈرۈش نەتىجىسى رادىئاتسىيە ۋە بوۋاقلارنىڭ ساغلاملىقى ئارىسىدا مۇقەررەر مۇناسىۋەت بارلىقىنى ئىسپاتلىمىدى، ھامىلىدار ئاياللار خاتىرجەم بولسا بولىدۇ، پەقەت چوڭ كومپيۇتېرخانىلار ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىدىكى رادىئاتسىيە ئېغىر جايلار بولمىسىلا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا كومپيۇتېر ئىشلىتىشنىڭ ھامىلىدار ئاياللارغا نىسبەتەن تەسىرى بولمايدۇ. بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسىنىڭ تۇغۇت بۆلۈمىدىكى جۇ مۇدىر مۇنداق قارايدۇ: بويىدىن ئاجراپ كېتىش، ھامىلىنىڭ نورمالسىزلىقى، قاتارلىقلارنى كومپيۇتېر كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى