ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن چوقۇم داۋالىنىشقا تېگىشلىك كېسەللىكلەر(7)

ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن چوقۇم داۋالىنىشقا تېگىشلىك كېسەللىكلەر(7)

ۋاقتى: 2015-12-02 ئاۋاتلىقى: 723 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

گېمورروي
ئاياللار ئەڭ ياخشىسى ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ گېمورروي ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرتۈپ ئېنىقلاش كېرەك.
گېمورروي دائىم كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىت سالىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى، شۇڭا ئەل ئارىسىدا «10 ئادەمنىڭ توققۇزى گېمورروي» دەيدىغان گەپ بار، بۇ خىل كېسەلنىڭ تارقىلىشىنىڭ كەڭ دائىرلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. گېمورروينىڭ يۈز بېرىشىدە ئۇنىڭ ئاناتومىيەلىك ۋە فىزىيولوگىيەلىك ئاساسى بار. تۈز ئۈچەي ۋېناسىنىڭ قاننىڭ قايتىپ ئېقىشىنى توسىدىغان كلاپانى بولمىغانلىقتىن، قان ئاسانلا يىغىلىپ قالىدۇ ھەم ئاسانلا تومۇرنىڭ كېڭىيىشى يۈز بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈز ئۈچەي ۋېناسىنىڭ دىۋارى نېپىز، ئورنى تېيىز ھەم ئاخىرقى ئۇچتىكى توقۇلمىلار ھەرىكەتچان بولغاچقا، ئاسانلا ۋېنانىڭ كېڭىيىشى كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەت، ھامىلىدارلىق، مەزى بېزىنىڭ چوڭىيىشى ۋە داس سۆڭىكى بوشلۇقىدىكى ئۆسمە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تۈز ئۈچەي ۋېناسىنىڭ قايتىپ ئېقىشىغا توسالغا بولۇپ، گېمورروينى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. گېمورروينىڭ ئورنىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن، ئىچكى گېمورروي، تاشقىي گېمورروي ۋە ئارىلاشما گېمورروي قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ئىچكى گېموررويدا دائىم تەرىتىدىن قان كېلىدىغان ۋە مەقئەتنىڭ سىرتىغا ئۆرۈلۈپ چىقىپ قىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، تاشقىي گېموررويدا ئاساسلىقى مەقئەتنىڭ ئەتراپىدا يۇمىلاق ياكى ئېللىپىس شەكىللىك تېرە ئاستى قان ئۇيمىسى بار، ئارىلاشما گېموررويدا ئىچكى ۋە تاشقىي گېمورروينىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بار.


ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە، ھورمونلارنىڭ تەسىرىدە قان تومۇر دىۋارىنىڭ سىلىق مۇسكۇللىرى بوشىشىپ، بالىياتقۇنىڭ قورساق بوشلۇقىدىكى قان تومۇرلارغا بولغان بېسىمى ئارتىدۇ، بۇنداق ئەزەلدىن گېمورروي بار ئايالنىڭ كېسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا گېمورروي بار ئاياللار ئەڭ ياخشىسى ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن داۋالىنىش كېرەك.
ھازىرغا قەدەر گېمورروينى داۋالاش ئۇسۇللىرى نۇرغۇن، ئوخشىمىغان ئەھۋالغا ئوخشىمىغان ئۇسۇل قوللىنىدۇ. مەسىلەن ئىچكى گېمورروينى ئوكۇل ئۇرۇش ئارقىلىق، نەيچە كىرگۈزۈش ۋە فىزىكىلىق ئۇسۇللار بىلەن داۋالىغىلى بولىدۇ؛ تاشقىي گېموررويغا ئالاھىدە ئۇسۇللار قوللىنىش ھاجەتسىز، پەقەت مەقئەتنىڭ تازلىقىنى ياخشى تۇتۇپ، كۈچلۈك غىدىقلىنىشتىن ساقلانسىلا بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى