ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدار بولغىنىغا 24 ھەپتىلىك بولغان ئاياللار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن خۇلاسە

ھامىلىدار بولغىنىغا 24 ھەپتىلىك بولغان ئاياللار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن خۇلاسە

ۋاقتى: 2015-04-24 ئاۋاتلىقى: 752 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مۇۋاپىق مىقداردا ماي تولۇقلاش
  قورساق دىۋارى، دۈمبە، يوتا قاتارلىق ئورۇنلارغا ماي يىغىلىپ تۇغۇت ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى بالا ئېمىتىش ئۈچۈن ئېنېرگىيە توپلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ھامىلىدار ئاياللار ئۆسۈملۈك مېيى، خاسىڭ مېيى، ياڭاق، كۈنجۈت قاتارلىق زۆرۈر ياغ كىسلاتاسى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىش لازىم.
ھامىلە ھەرىكىتى كۆپىيىپ ھامىلە«كىچىك گىمناستىكىچى»غا ئايلىنىدۇ
  بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ھامىلىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئامپلىتۇدىسى كۆرۈنەرلىك چوڭىيىدۇ، ھامىلە بالىياتقۇنىڭ ئىچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ، تېپچەكلەيدۇ، دومىلايدۇ، بىلەكلىرىنى كېرىدۇ، ھەرتەرەپتىن ئاجىز كەلمەيدۇ. ئۇ تېخى سىز بىلەن«كېلىشىم» تۈزمىگەن، سىز تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ۋاقتىڭىزدا ھامىلىنىڭ قاتتىق ھەرىكىتى بىلەن تاتلىق ئۇيقۇڭىزدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىشىڭىز مۇمكىن. ئەنسىرەپ كەتمەڭ، ئۇ بارا-بارا بىلەن سىز بىلەن ماس قەدەمگە كېلىدۇ، ياكى سىزمۇ بارا-بارا ھامىلىنىڭ ھەرخىل ھەرىكەتلىرىگە كۆنۈپ قالىسىز، تاتلىق ئۇخلاۋاتقان چېغىڭىزدا ھامىلىنىڭ «مۇشت-پەشۋا» لىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىسىڭىزمۇ يەنىلا خاتىرجەم ئۇخلىيالايدىغان بولۇپ كېتىسىز.


ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى دىيابېت كېسىلىگە تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىش
  ئادەتتە ھامىلىدارلىقنىڭ 24-28 ھەپتىسىدە ھامىلىدار ئاياللارغا بىر قېتىملىق قان قەنتىنى ئۆلچەش ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ ئاساسلىقى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى دىيابېت كېسىلىنى ئېنىقلاشتا ئىشلىتىلىدۇ.
ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش، ئاي كۈنى توشمايلا تۇغۇپ سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
  تۆۋەندىكى بىرقانچە خىل ئەھۋال كۆرۈلسە سىزنىڭ ئاي كۈنىڭىز توشماي تۇرۇپلا تۇغۇپ سېلىش مۇمكىنچىلىكىڭىز بولىدۇ، تېزدىن دوختۇرغا كۆرۈنۈشىڭىز لازىم. مەسىلەن جىنسىي يولىنىڭ ئاجرالمىلىرىنىڭ قىزغۇچ رەڭلىك، قوڭۇر رەڭلىك، قاننىڭ رەڭگىدە ياكى سۇغا ئوخشاش بولۇشى؛ دوۋسۇن قىسىمنىڭ پات-پات تۇيۇقسىز زىڭىلداپ ئاغرىپ كېتىشى، قورساق ھەيز ئاغرىتىپ كەلگەندەك، ئىچى سۈرۈپ قالغاندەك بىئارام بولۇش، دائىم چوڭ تەرەت قىلغۇسى كېلىپ تۇرۇش، توققۇز كۆز سۆڭىكى ئاغرىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە ئاي كۈنى توشماي تۇرۇپ يەڭگىپ قېلىشنى ئويلىشىش كېرەك.



ھامىلىدار ئاياللار قول، ئېغىز قاتارلىقلارنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىش لازىم
  ھامىلىدار ئاياللار سىرتتا ھەرىكەت قىلغاندا ھاۋادىكى چاڭ-توزان، زەھەرلىك ماددىلار كالپۇكىغا چاپلىشىپ قېلىشى مۇمكىن، شۇڭلاشقا ھامىلىدار ئاياللار سىرتقا چىققاندا ئىمكانقەدەر لەۋسۇرۇخ سۈرمەسلىكى، دائىم ئېغىزىنى چايقاپ تۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا قولنى پات-پات يۇيۇپ تۇرمىغاندا قول باكتېرىيە، ۋىرۇسلارنىڭ كۆپىيىشى ياخشى مۇھىتقا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن، شۇڭلاشقا ھامىلىدار ئاياللار دائىم قول يۇيىدىغان تازىلىق ئادىتى يېتىلدۈرۈشى، بولۇپمۇ ھاجەتخانىغا كىرگەندىن كېيىن، قەغەز پۇل، گېزىت، ئاممىۋىي تېلېفون قاتارلىقلارنى تۇتقاندىن كېيىن چوقۇم قول يۇيۇشى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى