ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى(بىچاۋ)دا تەكشۈرۈش قېتىم سانى كۆپ بولۇپ كەتسە ھامىلىگە تەسىرى بولامدۇ؟
ۋاقتى: 2016-06-24
ئاۋاتلىقى: 799 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
سوئال: مەن ھامىلىدار بولغىنى 23 ھەپتە بولغان، ھامىلىنى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى(بىچاۋ)دا تەكشۈرۈش قېتىم سانى كۆپ بولۇپ كەتسە ھامىلىگە تەسىرى بولامدۇ؟
جاۋاب: ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى(بىچاۋ)نىڭ رادىياتسىيەسى ناھايىتى تۆۋەن، ھامىلىگە ئاساسىي جەھەتتىن تەسىرى يوق. ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى(بىچاۋ) ھازىر ھامىلە تەكشۈرۈشتىكى ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشقان تەكشۈرۈش ئەسۋابى. ئەگەر ھامىلىدە باشقا بىنورماللىق بولمىسا ھامىلىدارلىقنىڭ 20، 24، 28، 32، 36، 37،38، 39، 40-ھەپتىلىرىدە تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك.