ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدار بولۇپ ئۈچ ئاي بولغاندىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن خۇلاسە

ھامىلىدار بولۇپ ئۈچ ئاي بولغاندىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن خۇلاسە

ۋاقتى: 2015-12-10 ئاۋاتلىقى: 489 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدار ئاياللاردا بۇ ۋاقىتتا ئاسانلا بويىدىن ئاجراش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، شۇڭلاشقا ھامىلىدار ئانىلار چوقۇم ھامىلىدارلىقنىڭ ئۈچىنچى ئېيىدىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى چۈشىنىپ، ساغلام بولغان بوۋاققا ھامىلىدار بولۇشى كېرەك.
ھامىلىدارلىق توققۇزىنچى ھەپتىسىگە كىرگەندە، ھامىلىنىڭ يۈزىدە كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىك بولىدۇ، ھامىلىنىڭ بەدىنى ئۇزىراپ، تۈزلىنىدۇ، قۇيرۇقى قىسقىراپ يوقايدۇ. ئونىنچى ھەپتىسىگە كەلگەندە، تۆرەلمە مەزگىلى ئاخىرلىشىپ، ھامىلە مەزگىلىگە قەدەم قويىدۇ. ھامىلىنىڭ ئادەملىك ئالاھىدىلىكى ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ، قول بارماقلىرى ۋە پۇت بارماقلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. كىندىك بېغىمۇ بارغانسېرى ئۇزىرايدۇ، ھامىلە باش سۈيى ئىچىدە ئەركىن ھەرىكەت قىلالايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھامىلىنىڭ يۈرىكى، جىگەر، ئاشقازان، ئۈچەي قاتارلىق ئەزالىرى تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدۇ، بۆرەكمۇ تەرەققىي قىلىشقا باشلايدۇ، سۈيدۈك پەيدا بولىدۇ، ھەمدە سۈيدۈك توشۇش نەيچىسىمۇ بولىدۇ، ھامىلە ئاز مىقداردا مېتابولىزم ئېلىپ بارالايدۇ.


ھامىلىدارلىقنىڭ ئۈچىنچى ئېيىدا ھامىلىدار ئايالنىڭ بالىياتقۇسى مۇشتۇمدەك چوڭلۇقتا بولىدۇ، كىچىك تەرەتنىڭ قېتىم سانى كۆپىيىدۇ، چوقۇم ۋاقتىدا سۈيدۈكنى تولۇق چىقىرىۋېتىش كېرەك، ھەرگىزمۇ خىجىل بولماسلىق لازىم؛ بۇ ۋاقىتتا ھامىلىدارلىق ئىنكاسى بارغانسېرى ئاجىزلاپ، ئۇزۇنغا بارماي يوقاپ كېتىدۇ؛ ھامىلىدار ئايال بۇ ۋاقىتتا كۆكسىنىڭ تېخىمۇ كۆپۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، ئەمچەك ھالقىسى، ئەمچەك توپچىسىغا رەڭ يىغىلىپ، قارىداشقا باشلايدۇ.
ھامىلىدارلىقنىڭ ئۈچىنچى ئېيىدا، ھامىلىدار ئاياللاردا ئاسانلا قەۋزىيەت ۋە ئىچىنى سۈرۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. شۇڭلاشقا ھامىلىدار ئايال كۆپرەك تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش، كۈندىلىك تۇرمۇشىدا تالالىق يېمەكلىكلەرنى كۆپەيتىش كېرەك. ئىلاجنىڭ بېرىچە ئىچىنى سۈرىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك لازىم.



ھامىلىدارلىقنىڭ ئۈچىنچى ئېيىدا ئەڭ ئاسان بويىدىن ئاجراپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ھامىلىدار ئايال كۈچلۈك بولغان تەنھەرىكەت ۋە جىسمانىي ھەرىكەتنى توختىتىشى، ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرمەسلىكى ۋە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆرە تۇرماسلىقى ياكى ئولتۇرماسلىقى كېرەك، ساياھەت قىلىشمۇ مۇۋاپىق ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قورساق قىسمىنىڭ بېسىلىپ ياكى قىسىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.
ئەگەر ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىدار بولۇپ ئۈچ ئاي بولغاندا تۆۋەنكى قورساق ئاغرىسا ۋە ئاز مىقداردا قان كەلسە، دەرھال دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، چۈنكى بويىدىن ئاجراش ۋە بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ، ھوشيارلىقنى ھەرگىز بوشىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.
بۇ ۋاقىتتا ھامىلىدار ئايال چوقۇم يېتەرلىك بولغان ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، چۈشتىكى بىر سائەتلىك ئۇيقۇنىڭ پايدىسى كۆپ بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەر-ئايال ئىككىسى ئەڭ ياخشىسى جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك، ئەڭ بولمىغاندىمۇ چەكلىمىلىك بولۇشى، قورساق قىسمىنى بېسىۋېلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك، ۋاقىت قانچە قىسقا بولسا شۇنچە ياخشى.
خىزمەتداشلىرى بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىپ، چۈشىنىش ۋە ياردەمنى قولغا كەلتۈرۈش، ھەرگىزمۇ خىزمەتنى زورلاپ قىلماسلىق، بەدەننىڭ چايقىلىشى ۋە ئۇرۇلۇپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خىزمەتتىن ساقلىنىشى كېرەك.
ھامىلىدار ئايال بولمىغاندىمۇ بۇ ئايدا تۇنجى قېتىملىق تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بېرىپ، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ساقلىقنى ساقلاش كارتىسىنى تۇرغۇزۇش، كېيىن دوختۇرنىڭ تەلىپى بويىچە قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك.
خۇلاسە: يۇقىرىقى ھامىلىدارلىقنىڭ ئۈچىنچى ئېيىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى كۆرگەندىن كېيىن، ھامىلىدار ئانىلار كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەتتە كۆپرەك ئارام ئېلىپ، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، ھەر تەرەپلىك ئوزۇقلۇقنى كۆپرەك قوبۇل قىلىپ، ساغلام بولغان بوۋاققا ھامىلىدار بولغۇسى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى