ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۈزۈم تۆرەلمىسىنى داۋالاش ھەققىدە

ئۈزۈم تۆرەلمىسىنى داۋالاش ھەققىدە

ۋاقتى: 2016-06-22 ئاۋاتلىقى: 752 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دىياگنوز قويۇش:
hCG نى تەكشۈرۈش

ئۈزۈم تۆرەلمىسىنىڭ ئوزۇقلۇق ھۈجەيرىسى زىيادە كۆپىيىپ، كۆپ مىقداردىكىhCG ھاسىل قىلىدۇ، ماس ھالدىكى ئايدىكى نورمال ھامىلىدارلىقتىن يۇقىرى بولىدۇ. بۇ خىل پەرقتىن پايدىلىنىپ، قوشۇمچە دىياگنوز قويۇشتىكى ئاساس قىلىشقا بولىدۇ.  hCG نىڭ ئەڭ چوڭ قىممىتىنى تەكشۈرۈش كېرەك، ئۇسۇلىنى ھامىلىدارلىققا ھۆكۈم قىلىش بابىدىن كۆرۈڭ.


ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش

ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرگەندە بالىياتقۇ ئىچىدە ھامىلە، بالا ھەمرىيى، باش سۈيىنىڭ شولىسى بولمايدۇ، پەقەت «قار چۈشكەندەك» تەسۋىرنى كۆرۈشكە بولىدۇ، ئەگەر قان چىققان بولسا قانۇنىيەتسىز سۇلۇق قارا رايوننى كۆرگىلى بولىدۇ. قار چۈشكەندەك تەسۋىر ئۈزۈم ھامىلىنىڭ خاس بولغان تەسۋىرىدۇر.
ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى تەكشۈرۈش

نورمال ھامىلىنىڭكىنى ئىككى ئايدىن كېيىن ئاڭلىغىلى بولىدۇ، ئۈزۈم ھامىلىسىدە بولسا پەقەت بالىياتقۇ تومۇرلىرىدىن چىققان ئاۋازنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ.
X نۇرىدا تەكشۈرۈش

بالىياتقۇنىڭ چوڭلۇقى بەش ئايلىقتەك بولسىمۇ لېكىن X نۇرىدا ھامىلىنىڭ سۆڭىكىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.



بىر تەرەپ قىلىش:
بالىياتقۇنى تازىلاش : ئۈزۈم ھامىلىگە دىياگنوز قويغان ھامان، دەرھال بالىياتقۇنى تازىلاش كېرەك. ئادەتتە توكدا سۈمۈرۈش تېخنىكىسىنى ئىشلىتىدۇ، بىر ھەپتىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم قىرىشقا بولىدۇ، ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇن قان سېلىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىش، ئوپېراتسىيەدە بالىياتقۇنىڭ تېشىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئوپېراتىسىيەدىن كېيىن ئانتىبىيوتىك ئىشلىتىلىدۇ.
ئوپېراتسىيە باشلانغاندىن كېيىن ۋېنا تومۇرىدىن %5 گىلۇكوزا 500 ml+ئوكىستوتسىن 5-10 u ئىشلىتىپ، قان چىقىشنى ئازايتىش، ئەمما ئوپېراتسىيە باشلىنىشتىن بۇرۇن ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، بولمىسا بالىياتقۇ ئېغىزى ئېچىلماي، بالىياتقۇ قىسقىراپ ئۈزۈم تۆرەلمىسىنى بالىياتقۇ دىۋارىدىكى قان كاۋاكچىسىغا سىقىپ كىرگۈزۈۋېتىپ، ئۆپكىگە تارقىلىپ ئۆپكە كەپلەشمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تۇخۇمدان فلاۋىنسىمان قاپلىق ئىششىقنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى: فلاۋىنسىمان قاپلىق ئىششىق ئۈزۈم تۆرەلمىسى چىقىرىپ تاشلانغاندىن كېيىن كۆپىنچىسى تەبىئىيلا يوقاپ كېتىدۇ، ئادەتتە ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، بىراق تولغىشىپ قېلىپ، ھەرقانداق شەكىلدە ياتسىمۇ ئاغرىق قويۇپ بەرمىسە ۋاقتىدا قورساقنى ئېچىپ كۆزىتىش ئېلىپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى