ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلە پەرۋىشى دېگەن نېمە؟ نېمە ئۈچۈن ھامىلىگە قارىغۇلارچە ئاسىراش ئېلىپ بارماسلىق كېرەك؟

ھامىلە پەرۋىشى دېگەن نېمە؟ نېمە ئۈچۈن ھامىلىگە قارىغۇلارچە ئاسىراش ئېلىپ بارماسلىق كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-08-11 ئاۋاتلىقى: 556 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلە پەرۋىشى دېگەن نېمە؟ نېمە ئۈچۈن ھامىلىگە قارىغۇلارچە ئاسىراش ئېلىپ بارماسلىق كېرەك؟

ھامىلە پەرۋىشى (ئاسىراش) دېگىنىمىز بويىدىن ئاجىراپ كېتىشتىن ساقلىنىدىغان ۋە ھامىلىنى بىخەتەر قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلغان بارلىق ئۇسۇللارنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن: كارىۋاتتا يېتىپ ئارام ئېلىش، ھامىلە ئاسىراش دورىسى يېيىش قاتارلىقلار.

 ئالدىدا تېلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، تەبئىي بويىدىن ئاجىراپ كەتكەن ھامىلىنىڭ ئىچىدە يېرىمىدىن كۆپرەكىدە غەيرىي خىروموسوم كۆرۈلىدۇ. بۇ كىشىنى چۆچىتىدىغان سان بولماستىن، بەلكى ئىنسانىيەت شەكىللىنىش جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن تاللاش ئىقتىدارى ، بۇ دېگەنلىك ئەلالىرى ھايات قېلىپ، ناچارلىرى شاللىنىدۇ دېگەنلىك بولىدۇ، خىروموسوم غەيرىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق بويىدىن ئاجىراش مۇشۇ خىل ئىقتىدارنىڭ مەھسۇلى. ئېنىقكى، تەبئىي بويىدىن ئاجىراش سۈپەتلىك تۇغۇشقا پايدىلىق، شۇنداقلا نوپۇس ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭلاشقا قارىغۇلارچە ھامىلە ئاسىراش ھېچقانداق ئەھمىيەتكە ئېگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تۇغما مېيىپ بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلۇپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا نۇرغۇن ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئېلىپ بېرىلغان ھامىلە ئاسىراش جەمىيئەت ۋە مىللەتكە بىر مېيىپ بالىنى كۆپەيتىپ بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بوۋاقلارنى بىر ئۆمۈر ئازاپ ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇرلاش يەنىلا ئۇنىڭ تەبىئي بويىدىن ئاجىراپ كېتىشىگە يول قويغانغا يەتمەيدۇ. شۇڭا بوۋاقلارنىڭ تەبئىي چۈشۈپ كېتىشىگە(بويىدىن ئاجىراپ كىتىشىگە) بولغان ئەڭ ياخشى پوزىتسىيە قارىغۇلارچە ئاسىراش ئېلىپ بېرىش ئەمەس بەلكى تەبئىي بويىدىن ئاجىراپ كېتىشكە يول قويۇشتۇر.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى