ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تۆرەلمىنىڭ ئۆسۈشتىن توختاپ قېلىشنىڭ سەۋەبلىرى قايسىلار؟

تۆرەلمىنىڭ ئۆسۈشتىن توختاپ قېلىشنىڭ سەۋەبلىرى قايسىلار؟

ۋاقتى: 2016-06-06 ئاۋاتلىقى: 600 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىرىنچى، كۆپىيىش ئىچكى ئاجراتما جەھەتتە، چۈنكى تۆرەلمە دەسلىپىدە ئۆسكەندە، ئۈچ مۇھىم بولغان ھورمۇنغا موھتاج ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھامىلىدارلىق ھورمۇنى، ئاياللىق ھورمۇنى، تىۋىتلىق پەردە جىنسىي بەزنى ئىلگىرى سۈرۈش ھورمۇنى قاتارلىقلار، ئەگەر ئانىنىڭ ئۆزىدىكى ئىچكى مەنبەلىك ھورمۇنى يېتىشمىسە، تۆرەلمىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالماي، تۆرەلمىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ توختاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئىككىنچى، كۆپىيىش ئىممۇنىتېت مەسىلىسى، ئەگەر ئۆز بەدىنىدە مەلۇم ئانتىتېلا بولسا، تۆرەلمىنىڭ ئۆسۈشىگە توسالغۇلۇق قىلىدۇ.
ئۈچىنچى، بالىياتقۇنىڭ مەسىلىسى، بالىياتقۇنىڭ ئىچكى مۇھىتى ۋە بالىياتقۇنىڭ ئومۇميۈزلۈك مۇھىتىنىڭ ھەممىسى تۆرەلمىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر قىلىشى مۇمكىن، ئىچكى مۇھىت دېگىنىمىز بالىياتقۇنىڭ ئىچكى پەردىسى بولۇپ، ئەگەر بەك نېپىز، ياكى بەك قېلىن بولۇپ كەتسە ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ جايلىشىشىغا تەسىر قىلىدۇ. بالىياتقۇ غەيرى ئۆسۈپ قالغان بولسىمۇ تۆرەلمە ئۆسمەيدۇ.


تۆتىنچى، خىروموسوما مەسىلىسى.
بەشىنچى، كۆپىيىش يولىنىڭ يۇقۇملىنىشى: ئانا تېنى يۇقۇملانغاندىن كېيىن كېسەللىك باكتېرىيەسى قان ئارقىلىق بالا ھەمرىيىنى يۇقۇملاندۇرۇپ، تىۋىتلىق پەردە ۋە قىل قان تومۇرلارنىڭ ئىچكى پەردىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ، بالا ھەمرىيىنىڭ توسۇش رولىنى بۇزىدۇ، كېسەللىك باكتېرىيەسى ھامىلىگە يېتىپ بېرىپ بويىدىن ئاجراش، تۆرەلمىنىڭ ئۆسۈشتىن توختاپ قېلىشى، ھامىلىنىڭ غەيرى ئۆسۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېقىنقى يىلدىن بۇيان نۇرغۇن تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە مىكوپلازمىدىن يۇقۇملىنىش بىلەن تۆرەلمىنىڭ ئۆسۈشتىن توختاپ قېلىشىنىڭ مۇناسىۋىتى بار ئىكەن، تۆرەلمىسى ئۆسۈشتىن توختاپ قالغان ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ ئاجرالمىلىرىنىڭ مىكوپلازمىدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى نورمال ئاياللارنىڭكىدىن يۇقىرى ھەمدە روشەن پەرقى بار.



ئالتىنچى، مۇھىت ئامىلى: مۇھىت تۈرىدىكى ھورمۇنلار بىۋاسىتە مەركىزى نېرۋا ئىچكى ئاجراتما تەڭشەش سىستېمىسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، كۆپىيىش ھورموننىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، كۆپىيىش نىسبىتى تۆۋەنلەش ۋە تۆرەلمىنىڭ ئۆسۈشتىن توختاپ قېلىشىنى پەيدا قىلىدۇ. بويىدىن ئاجراپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىت ئامىلى ھەرخىل بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە X نۇرى، شاۋقۇن-سۈرەن، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى، يۇقىرى تېمپېراتۇرا قاتارلىق فىزىكىلىق ئامىل، ھەمدە ئېغىر مېتال ئاليۇمىن، قوغۇشۇن، سىماب،سىنك ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ ئورۇنلىشىشىغا  تەسىر كۆرسىتىدۇ ياكى بىۋاسىتە تۆرەلمىگە تەسىر كۆرسىتىپ بويىدىن ئاجراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەرخىل خىمىيەلىك دورىلار مەسىلەن كاربون دىسۇلفىد، مەست قىلغۇچى گاز، دىئابىتقا قارشى دورا قاتارلىقلارنىڭ تەسىر قىلىشى، كۆپىيىش ئىقتىدارىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، تۆرەلمىنىڭ بويىدىن ئاجرىشى، ئۆلۈپ قېلىشى، غەيرى ئۆسۈپ قېلىشى، ئۆسۈشى ئاستا بولۇشى ھەمدە ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىشى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ناچار تۇرمۇش ئادىتى مەسىلەن تاماكا چېكىش، ھاراق ئېچىش، قەھۋە، زەھەرلىك چېكىملىك، بىر قىسىم دورا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دەسلەپكى باسقۇچتىكى ھامىلىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى