ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەر-ئاياللاردىكى يېقىنچىلىق مۇقەددىملىرى ۋە تەييارلىقلار(1)

ئەر-ئاياللاردىكى يېقىنچىلىق مۇقەددىملىرى ۋە تەييارلىقلار(1)

ۋاقتى: 2016-03-16 ئاۋاتلىقى: 741 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دۇنيادا ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ مۇقەددىمىسى بولىدۇ. نەتىجىلەرنىڭ غەلىبىلىك بولۇپ چىقىشى مۇقەددىمىلەرنىڭ توغرا بولىشىغا باغلىقتۇر. شۇنداق ئىكەن، ئەر ـ خوتۇنلۇق ھاياتتىكى جىنسىي ئالاقىنىڭمۇ مەلۇم مۇقەددىمىلىرى باردۇر. ئەر ـ خوتۇنلۇق ھاياتتىكى سائادەتنىڭ ئاساسى ئەر ـ خوتۇنلارنىڭ جىنسىي ئالاقىدا بىر ـ بىرىدىن تېگىشلىك نېسىۋىلىرىنى ئالالىشىغا باغلىقتۇر. كۆپلىگەن ئەر ـ خوتۇنلارنىڭ ئۆيلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىر ـ بىرىدىن نەپرەتلىنىپ ئاجرىشىشى، بەزىلىرىنىڭ چارىسىزلىكتىن بەختسىزھالدا، بۇ تۇرمۇشنى داۋام قىلدۇرۇشقا مەجبۇر بولىشىنىڭ سەۋەبى كۆپىنچە، جىنسىي ئالاقىدا ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىش ھاسىل قىلالمىغانلىقى، نەتىجىدە تېگىشلىك نېسىۋىسىنى ئالالمىغانلىقىدىن بولىدۇ. شۇڭا، جىنسىي ئالاقىنىڭ ئەر ـ خوتۇن ھەر ئىككىسىگە كۆڭۈللۈك بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ مۇقەددىمىلىرىگە رىئايە قىلىشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

 

ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1 ـ زىننەتلىنىش ۋە خۇشبۇي قوللىنىش خۇشبۇي قوللىنىش بىلەن زىننەتلىنىش ھەرقانداق كىشىنىڭ كامالىتى ۋە گۈزەللىكى، بولۇپمۇ ئەر ـ خوتۇن ئىككىسىڭ بەخت ـ سائادىتى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن بىھاجەت بۇلۇشقا بولمايدىغان مۇھىم ئىشتۇر. زىننەت كۆز ئۈچۈن سائادەت بېغىشلايدۇ، چۈنكى كۆز زىننەتلىك، گۈزەل شەيئىلەرگە باققىنىدا سائادەت ھېس قىلىدۇ. خۇشبۇي بۇيۇملىرى ئىنساننىڭ مەنىۋىيىتى ئۈچۈن سائادەت بېغىشلايدۇ، چۈنكى كىشىلەر خۇشبۇيلارنى پۇرىغاندا بىر خىل راھەت ۋە سائادەت ھېس قىلىدۇ. شۇڭا ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى جۈمە، ھېيت نامازلىرى ۋە ئۇلاردىن باشقىمۇ توپلىشىپ ئاممىۋى ھالدا قىلىنىدىغان پائالىيەتلەرگە بېرىشتىن بۇرۇن خۇشبۇي قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ.


مانا بۇــ مۇسۇلمانلارنىڭ بىر ـ بىرىنىڭ نەزەرىدە چىرايلىق، ئېسىل، پاكىز، يېقىملىق كۆرۈنۈشى ۋە بىر ـ بىرىنى يېقىمسىز ھىدلىرى بىلەن نەپرەتلەندۇرۇپ قويماسلىقى ئۈچۈن ئېدى. خوتۇن كىشى ئېرى ئۈچۈن ھەر ۋاقىت زىننەتلىنىشكە ۋە خۇشبۇي قوللىنىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. بولۇپمۇ ئەر ـ خوتۇن يېقىنچىلىق قىلىشتىن بۇرۇن زىننەتلىنىش ۋە خۇشبۇي قوللىنىشنى قەتئى ئۇنۇتماسلىقى كېرەك. ئايال كىشىنىڭ زىننەتلىنىشىى ۋە خۇشبۇي قوللىنىشى ئېرىنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە جەلب قىلىشى ۋە ئۇنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىتىشى ئۈچۈن ئالاھىدە ياردەمچىدۇر. زىننەتلەنمىگەن، خۇشبۇي قوللانمىغان ۋە يۇيۇنۇپ بەدىنىنى پاكىز تۇتمىغان ئايال كىشى تىزلا ئېرىنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايدۇ. ئەر كىشىمۇ شۇنداق.

داۋامى بار......

«ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى»دىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى