ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدار ئايال ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە قانچە قېتىم ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش قىلىدۇ؟

ھامىلىدار ئايال ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە قانچە قېتىم ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش قىلىدۇ؟

ۋاقتى: 2016-08-01 ئاۋاتلىقى: 554 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدار  ئايال  ھامىلىدارلىق  مەزگىلىدە قانچە قېتىم ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش قىلىدۇ؟ بۇ تەكشۈرۈشنى قانچە كۆپ قىلسا شۇنچە ياخشىمۇ؟ بىر قىسىم ئانىلاردا مۇشۇنىڭدەك سۇئاللار پەيدا بولۇشى مۇمكىن.
ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئەمەلىي ئاھۋالغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ، نورمال ئەھۋال ئاستىدا، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە 3 قېتىم ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش قىلىدۇ، ئادەتتە 5 قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئالاھىدە ئەھۋالدا، تەكشۈرۈش قېتىم سانى كۆپىيىشى مۇمكىن. ئانا بولغۇچىلارنىڭ مۇنتىزملاشقان دوختۇرخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرتۈشىنى ۋە دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىگە قۇلاق سېلىشىنى تەكلىپ قىلىمىز.


بىرىنچى قېتىملىق تەكشۈرتۈش: ھامىلىدارلىقنىڭ 16 ~ 12 ھەپتىسى بولۇشى كېرەك. بۇ ۋاقىتتا ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش قىلغاندا، ھامىلىنىڭ يەككە ھامىلىمۇ ياكى كۆپمۇ جەزملەشتۈرگىلى بولىدۇ. شۇنداقلا ھامىلىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، تەرەققىي قىلىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئۆلچىگىلى بولىدۇ. ھامىلىنىڭ بېشىدىن تارتىپ كاسسىسىغىچە بولغان
ئۇزۇنلۇقنى ئۆلچەش ئارقىلىق ھامىلىنىڭ نەچچە ھەپتىلىك بولغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىمىز. ھامىلىنىڭ بېشىنىڭ دېئامېتىرىنى، ئايلانما ئۇزۇنلۇقىنى، قورساق ئايلانمىسىنى، ھامىلىنىڭ يوتا سۆڭىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچەش ئارقىلىق ھامىلىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلىمىز، بۇنىڭدىن باشقا، يېتىلىشى نورمال بولمىغان بالىلارنىڭ بەدىنىدىكى ھەر قايسى قىسىملىرىنىڭ نىسبىتىنى ئۆلچەش يەنى باش ئايلانمىسى بىلەن قورساق ئايلانمىسىنىڭ نىسبىتى ئارقىلىقمۇ ھامىلىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.



ئىككىنچى قېتىملىق تەكشۈرتۈش: ھامىلىدارلىقنىڭ 25~ 20 ھەپتىسىدە بولىدۇ، ھامىلىدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلدىكى ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئانىنىڭ ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش ئەھۋالىنى بىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. يەنە ھامىلىنىڭ ئورنى ۋە باش سۈيىنىڭ مىقدارى توغرىسىدا بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈشەنچىگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇ باسقۇچتا ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق بالا ھەمرىيىنىڭ ئەھۋالىنى بىلگىلى بولىدۇ، مەسىلەن، بالا ھەمرىيىنىڭ تۈزۈلۈشى، يېتىلىش ئەھۋالى بالا ھەمرىيى بىلەن بالىياتقۇ قىرى ئارىسىدا ئايرىلىش بار-يوقلۇقى، قان چىقىشتەك مۇھىم  ئۇچۇرلارنى بىلگىلى بولىدۇ. ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق بالا ھەمرىيىنىڭ ئورنىنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىنى، بالا ھەمرىيىدا قان تومۇر ئۆسمىسىنىڭ بار-يوقلۇقى، بالا ھەمرىيى بىلەن بالىنىڭ يېشىنىڭ بىردەك ياكى ئەمەسلىكى، ھامىلىنىڭ تەتۈر كېلىشى، بالا ھەمرىيىنىڭ بالدۇر چۈشۈپ كېتىشىدەك ئەھۋاللاردىن ئېنىق مەلۇمات بېرىدۇ، شۇڭا بۇ خىل تەكشۈرۈش دوختۇرنىڭ توغرا دىياگنوز قويۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.           

 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى