ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تۆرەلمىنىڭ ئۆسۈشنىڭ توختاپ قېلىشىنىڭ قانداق ئالدىنى ئالىدۇ؟

تۆرەلمىنىڭ ئۆسۈشنىڭ توختاپ قېلىشىنىڭ قانداق ئالدىنى ئالىدۇ؟

ۋاقتى: 2016-06-24 ئاۋاتلىقى: 564 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كەيپىياتنى ئەركىن قويۇپ بېرىش، ھامىلىدار بولۇشقا ھازىرلىنىۋاتقان ئاياللار مەيلى ئۆزىدە ياكى ئەتراپىدىكى دوستلىرىدا بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلۈپ باققان بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ھەددىدىن زىيادە ئەنسىرىمەسلىك كېرەك. جىددىيلىشىش، بېسىم ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھامىلە، ھامىلىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىشى ئۈچۈنمۇ پايدىسىزدۇر.
ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇنقى تەييارلىق، ئاياللارنىڭ مۇۋاپىق بولغان تەييارلىق ۋاقتى بولۇشى كېرەك، ئوزۇقلۇقنىڭ تەكشى بولۇشىغا، تۇرمۇشنىڭ تەرتىپلىك بولۇشىغا، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا شۇنداقلا ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك، ھەمدە ئانا-بالىلار دوختۇرخانىسىغا بېرىپ مەخسۇس ھامىلىدار ئانىلار ئۈچۈن تەييارلانغان دەرسلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىش، دوختۇرلار بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇنقى، ھامىلىدارلىقتىكى، ھامىلىدارلىقتىن كېيىنكى ھەر خىل بىلىملەرنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىش كېرەك.


ۋاقتىدا تەكشۈرۈش، ئادەتتە ھامىلىدار بولۇپ سەككىز ھەپتە ئەتراپىدا ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇشى پەيدا بولىدۇ، تۆرەلمىنىڭ ئۆسۈشى توختاپ قېلىش 8-12 ھەپتىگىچە بولغان ئارىلىقتا پەيدا بولۇشى مۇمكىن، شۇڭلاشقا ھامىلىدار ئايالغا سەككىز ھەپتە ئەتراپىدا ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتۈش تەكلىپىنى بېرىمىز، بۇ ئارقىلىق ھامىلە ۋە بالا ھەمرىيىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ. ئەگەر ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇشى پەيدا بولسا، ئاساسەن خاتىرجەم بولۇشقا بولىدۇ.
بويىدىن ئاجراپ كېتىشنى بىر تەرەپ قىلىش، ھامىلىدار ئانىغا بەختكە قارشى تۆرەلمىنىڭ ئۆسۈشى توختاپ قېلىش دەپ دىياگنوز قويۇلغان بولسا، قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ئادەتتە دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكى ئاساسىدا بويىدىن ئاجرىتىش ئۇسۇلى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. تۆرەلمىنىڭ ئۆسۈشتىن توختاپ قېلىشى دەسلەپكى ھامىلىدارلىققا ئوخشىمايدۇ، دورا بىلەن ھامىلە چۈشۈرگەندە پاكىز بولۇشى تەس، ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت بالىياتقۇ ئىچىدە تۇرۇپ قالسا، بالىياتقۇنىڭ يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، ئارقىدىنلا تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ ئېتىلىپ قېلىشى كۆرۈلۈپ، تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.



يېرىم يىلدىن كېيىن ئاندىن ھامىلىدار بولۇش، تۆرەلمىنىڭ ئۆسۈشى توختاپ قېلىشى كۆرۈلگەن ئاياللار، سۈپەتلىك تۇغۇش نۇقتىسىدىن ئويلاشقاندا، ئاز دېگەندىمۇ يېرىم يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن ھامىلىدار بولۇش كېرەك، چۈنكى ئادەمنىڭ تۇخۇمداننىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن ئۈچ ئاي ۋاقىت كېتىدۇ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن يېرىم يىل ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى