ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدار بولسا نېمە ئۈچۈن قۇسىدۇ؟

ھامىلىدار بولسا نېمە ئۈچۈن قۇسىدۇ؟

ۋاقتى: 2014-05-01 ئاۋاتلىقى: 510 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. بۇ ھامىلە چىقارغان تۇغما قابىلىيىتىنى قوغداش ئۇچۇرى

ھامىلىدارلىقتىكى قۇسۇش جانلىقلار دۇنياسىدىكى قورساقتىكى ھامىلىنى قوغداشتىكى بىرخىل تۇغما قابىلىيەتتۇر. كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىستېمال قىلغان يېمەكلىكلىرىدە ئادەم بەدىنىگە يەڭگىل دەرىجىدە زىيان قىلىدىغان زەھەرلىك ماددا بار، بىراق ساغلاملىققا تەھدىت سالمايدۇ. ئەكس تەسىرىمۇ كۆرۈلمەيدۇ. لېكىن ھامىلىدار ئاياللار ئوخشىمايدۇ، قورسىقىدىكى ئاجىز ھاياتلىق ئانا بەدىنىدىن كەلگەن بۇ خىل زەھەرلىك ماددىنىڭ تەسىر قىلىشىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، بۇ خىل زەھەرلىك ماددا ناۋادا تۆرەلمىگە كىرسە ھامىلىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ھامىلە كۆپ مىقداردا ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىپ ھامىلىدار ئايالنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلدىكى پۇراش سەزگۈسى ۋە قۇسۇش مەركىزىنىڭ سەزگۈرچانلىقىنى ئاشۇرۇپ ئەڭ يۇقىرى چەكتە زەھەرلىك ماددىنىڭ ئانا تېنىگە كىرىشىنى توسۇپ، ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.




2. ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ھورمۇننىڭ تەسىرىدە بالا ھەمراھى كۆپ مىقداردا تىۋىتلىق پەردە جىنسىي ھورمۇنىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشىنى چەكلەپ، ھەزىم قىلىش ئېنزىمىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئاستىلىتىپ شۇ ئارقىلىق ھامىلىدار ئايالنىڭ ئىشتىھاسى ۋە ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەڭ تىپىك بولغان ئىپادىسى--سەھەردە قۇسۇش بولۇپ بىر مەزگىل داۋاملاشقاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ.
ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تۆرەلمە دەل بىخلىنىش مەزگىلىدە تۇرىۋاتقاچقا ھېچقانداق سىرتقى كۈچ ئۇنىڭ مەۋجۈتلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دەسلەپكى ھامىلىدارلىق رېئاكسىيەسى ئەمەلىيەتتە ھامىلىنىڭ ئۆزىدىكى ئۇچۇرلارنى ئانىسىغا يەتكۈزۈپ ئانىسىغا ئۆزىنى قوغداشنى ئەسكەرتىۋاتقانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
 
3. بۇ ھامىلىدار ئاياللارنىڭ يېمەكلىكىنى تەڭشەشتىكى ئۇچۇرى
ھامىلىدارلىقتىكى قۇسۇشنىڭ كۆرۈلىشى ھامىلىدار ئايالنى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى يېمەكلىكىگە نىسبەتەن مۇناسىپ تەڭشەش ئېلىپ بارغۇزۇپ، قورسىقىدىكى ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرىدۇ. ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن بەزى ھامىلىدار ئاياللار ئاچچىق-چۈچۈك يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى ئاچچىق تەم ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشىنى غىدىقلاپ ھەزىم قىلىش ئېنزىمىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئىشتىھانى ئاچىدۇ، بۇ يېمەكلىكنىڭ ھەزىم قىلىنىپ سۈمۈرۈلىشىگە پايدىلىق. 

4. بۇ ھامىلىدار ئايالغا ھەرىكەت ئۇسۇلىنىڭ ئۇچۇرىنى تەڭشەتكۈزىدۇ
قورسىقىدىكى بالىنىڭ بىخەتەر ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن نۇرغۇن ھامىلىدار ئاياللار پۈتۈن ھامىلىدارلىق دەۋرىدە خىزمەت قىلمايدۇ ياكى دائىم رۇخسەت سوراپ دەم ئالىدۇ، ئائىلە ئىشلىرىنىمۇ قىلمايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئۇسۇل ئىلمىي ئەمەس، بۇ ھامىلىدار ئايال ۋە ھامىلىنىڭ ھەممىسىگە زىيانلىقتۇر. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى