ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلدار ئاياللار قەۋزىيەت بۇلۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟(1)

ھامىلدار ئاياللار قەۋزىيەت بۇلۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟(1)

ۋاقتى: 2015-05-25 ئاۋاتلىقى: 649 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلدار ئاياللار قەۋزىيەت بۇلۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟(1)

ھامىلدار ئاياللار قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئومۇمىي ساۋات.

مەزكۇر چۈشەنچە:
قەۋزىيەتنى ئەتراپلىق چۈشىنىش.
قەۋزىيەتنى يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاشنىڭ ئۈچ يولى.
يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش.
يېمەكلىك رېتسىپى.
قەۋزىيەتنى ئەتراپىلىق چۈشىنىش

1.› نېمە ئۈچۈن ھامىلدار ئاياللار ئاسانلا قەۋزىيەت بۇلۇپ قالىدۇ؟

ھورموننىڭ تەسىرىدىن، يەنە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئامىللار بار . قەۋزىيەت ئادەتتە ئاستا خاراكتېرلىك ، تولغاق خاراكتېرلىك، ئۈچەي خاراكتېرلىك ئۈچ خىل بولىدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئاستا خاراكتېرلىك قەۋزىيەت كۆپ كۈرۈلىدۇ. ھامىلدار بولغاندىن كېيىن ، ئاساسلىقى كۆپىنچە ئادەملەرنىڭ ھەرىكىتى ئازلاپ كېتىدۇ، بۇ قەۋزىيەتنى تېز كەلتۈرۈپ ئاساسلىق ئامىل.  ئۇنىڭدىن باشقا ئاز ساندىكى ئانىلار ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، تەرەت قىلغان ۋاقىتتا، ھامىلىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار كۈچەپ تەرەت قىلىشتىن ئەنسىرەپ قەۋزىيەتنى شەكىلەندۈرۈپ قويىدۇ.

2.›بىر نەچچە كۈن تەرەت كەلمىسە، بۇ قەۋزىيەت بۇلامدۇ؟

ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، 3 كۈن ئىچىدە تەرەت كەلمىسە، بۇ قەۋزىيەت بولىدۇ. بىراق بىمارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇش كېرەك. بەزى كىشىلەر 1 كۈن تەرەت كەلمىسە، قورساق ئېسىلىپ ئاغرىغاندەك ھېس قىلدۇ، بۇ قەۋزىيەت. قىسقىسى، ئەگەر ھامىلدارلىقتىن بۇرۇنقى ئەھۋالى روشەن بولسا، تەرەت قىلغان ۋاقىتتا بىر قەدەر ئاغرىتسا قەۋزىيەت بولىدۇ.

3.›قەۋزىيەتنىڭ سالامەتلىككە يامان تەسىرى بولامدۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىسا بولامدۇ؟

قەۋزىيەت ئۈچەيدە توكسىنلارنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. ئورگانىزىمنىڭ مېتابولىزىم ئېلىپ بېرىشىغا پايدىسىز، سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىدۇ. باشقا تەرەققىياتى بولمايدۇ. ئەگەر 5 كۈندىن ئارتۇق تەرەت كەلمىسە، دەرھال دوختۇرغا كۈرۈنۈپ دىئاگنوز قويدۇرۇش كېرەك.

4.›ھامىلىنىڭ ھەرىكىتى ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدىشىگە پايدىسى بارمۇ؟ قەۋزىيەتنى يېنىكلىتەمدۇ؟

مېدىتسىنا نۇقتىسىدىن قارىغاندا بۇ بىر تۈگۈن، بىراق كلىنىكىلىق تەجىربىلەرگە ئاساسلانغاندا ، ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى.

5.›ھامىلە ئانا قەۋزىيەت بولغان ۋاقىتتا ئاغرىتامدۇ-يوق؟ قىستىلىش ھېس قىلامدۇ؟

ئۇنداق ئەمەس، چۈنكى ھامىلە باش سۈيى ئىچىدە ياشايدۇ. باش سۈيى ھەرخىل بېسىملارنى يېنىكلىتەلەيدۇ، ھامىلىنى ساقلايدۇ. شۇڭا كۆپ ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، لېكىن ئانا قەۋزىيەت ۋاقىتتا ئاغرىق ۋە بىئاراملىق ھېس قىلسا ، بۇ ھامىلىنىڭ كەيپىياتىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.

 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى