ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى"بەش چوڭ ھامىلە بىخەتەرلىك قاتىلى"

ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى"بەش چوڭ ھامىلە بىخەتەرلىك قاتىلى"

ۋاقتى: 2015-07-18 ئاۋاتلىقى: 723 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى"بەش چوڭ ھامىلە بىخەتەرلىك قاتىلى"

ئادەتتە بىخەتەر دەپ قارىلىدىغان نەرسىلەر ،ھامىلىگە نىسبەتەن ئىنتايىن خەتەرلىك ھېسابلىنىدۇ. توۋەندە بىز ئۇلارنى ئاددىي  كۆرسىتىپ ئۆتىمىز، پەرزەنتلىك بولۇش ئالدىدا تۇرغانلارنىڭ دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەگەر سىز بۇ مەزمۇنغا قىزىقسىڭىز بىز كىتابىمىزدا ماس ئابزاسلارنى تەپسىلىي چۇشەندۈرىمىز. 

.1 دورا: نۆۋەتتە2%-3%  تۇغما ب نورماللىقنى دورا كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئىنىقلاندى. غەيرىيلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ئوڭاي بولغان دورىلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئەرلىك ھورمون، ئىسپىرت، بەزى ئانتىبىئوتىكلار، قاننىڭ ئۇيۇشىغا قارشى پرېپارات، تۇتقاقلىققا قارشى دورىلار، راكقا قارشى دورىلار، تىنىچلاندۇرغۇچى قاتارلىقلار. بۇ دورىلار تەسىرىدە كېلىپ چىققان غەيرىي نورماللىق ئوخشاشلا مېڭە، يۈرەك قان تومۇر، يۈز قىسمى ۋە سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش ۋە كۆپىيىش سىستېمىسىدا كۆپ يۈز بىرىدۇ.

2. ھامىلە تۇغما ئىچىدىن ياللۇغلىنىش: مەسىلەن قىزىل، سىفىلىس قاتارلىقلار. ھامىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە ھامىلە ئىچىدىن قىزىل بىلەن ياللۇغلىنىش نىسبىتى ھەمدە غەيرىي نورماللىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ دائىىم بالىلاردىكى كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش كېسەللىكى، يۈرەك كېسىلى، ئاڭلاش سېزىمى نورمالسىزلىق قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلە ئىچىدىن ياللۇغلىنىشتا ئەڭ كۆپ كۆرىلىدىغىنى فىلتېرلانغان ۋىرۇس، بىراق نۆۋەتتە فىلتېرلانغان ۋىرۇسلۇق تارقىلىشچان زۇكام كەلتۈرۈپ چىقارغان ھامىلە تۇغما غەيرىيلىكى تېخى بايقالمىدى.

3.خىمىيىلىك ماددىلاردىن بۇلغىنىش: مەسىلەن قوغۇشۇن، سىماپ قاتارلىقلار بولسا دائىىم كۆرىلىدىغان غەيرىي تۆرەلمە مەنبەسى،   ئوڭايلا  ھامىلىنىڭ يېتىلىشى ئاستىلاش، نېرۋا سىستېمىسى ۋە ئەقلىي قابىلىيىتى تەرەققىي قىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل بۇلغىنىش دائىم سانائەتتىن چىققان كېرەكسىز سۇ بىلەن بۇلغانغان دەريا ئېقىنلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. خىمىيىلىك ماددىلار سۇ مەھسۇلاتلىرىغا سىڭىپ كىرىپ، پەرزەنتلىك بولۇش ئالدىدا تۇرغان ئانىلارنىڭ ئىستېمال قىلىشى بىلەن ھامىلىنىڭ بىنورماللىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 4 رادىئوئاكتىپلىق نۇر: ئۇنىڭ بىنورماللىقنى كەلتۈرۈشى رادىئوئاكتىپلىق نۇرنىڭ مىقدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئادەتتىكى كۆكرەك قىسمى X(ئېكس) نۇر تەكشۈرۈش مىقدارى بىنورماللىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا يېتەرلىك بولمىسىمۇ، لېكىن توپلانغان مىقدارى قانچە كۆپ ياكى رادىئاتسىيەگە ئۇچرىغان ئورۇن بالياتقۇغا قانچە يېقىن بولسا غەيرىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەتىرى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. كومپىيۇتىر ئېكرانىدىن چىققان رادىئوئاكتىپلىق نۇرنىڭ بىنورماللىقنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغانلىقى نۆۋەتتە تەتقىق قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ھەر ئېھتىمالغا قارشى يەنىلا كومپىيۇتىر يانفوننى ئاز ئىشلەتكەن ياخشى.

5 .كوففېئىن: ھامىلدارلىقنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيى ئىچىدە، ھەر كۈن ئۈچ ئىستاكاندىن ئارتۇق قەھۋە ياكى چاي ئىچكەندە ھامىلىنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىشى بىر ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ، چۈنكى قەھۋە ۋە چاي تەركىبىدە كوففېئىن بولۇپ، ھامىلىنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىشى ھەمدە 
ھامىلىنىڭ بىنورماللىقى بىلەن ئىنتايىن چوڭ مۇناسىۋىتى بار ئىكەن. ھامىلىنىڭ جىگىرى تېخى تولۇق يېتىلىپ بۇلالمىغاچقا كوففېئىننى تېز سۈرئەتتە پارچىلاپ چىقىرىۋېتەلمىگەچكە كوففېئىن ھامىلىنىڭ يۈرەك رېتىمىنى ھەمدە مىتابولىزىمنى تېزلىتىۋېتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھامىلىگە زىيانلىق. ئۇنىڭدىن باشقا كوففېئىن يەنە ئانا تېنىدىكى قاننىڭ بالىياتقۇغا كىرىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋەتكەچكە ھامىلىنى تەمىنلەيدىغان قاننىڭ تەركىبىدىكى ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق مىقدارىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەچكە ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كوففېئىنىڭ سۈيدۈك ھەيدەش رولى بولۇپ سۈيدۈك قېتىم سانى ئەسلىدىلا كۆپ بولغان ھامىلدار ئاياللارغا تېخىمۇ كۆپ قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كوففېئىن يەنە كالتسىينىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە تۈمۈرنىڭ سۈمۈرۈلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى