ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلدار ئاياللار قەۋزىيەت بۇلۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟(2)

ھامىلدار ئاياللار قەۋزىيەت بۇلۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟(2)

ۋاقتى: 2014-06-02 ئاۋاتلىقى: 574 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلدار ئاياللار قەۋزىيەت بۇلۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟(2)

 

6.›ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى قەۋزىيەت ۋاقىتتا كۈچەپ تەرەت قىلسا، بۇ ھامىلىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە تەسىر قىلامدۇ؟

 

پەقەت كۈچەشلا كۇپايە قىلمايدۇ. تولغاق، تۆرەلمىنىڭ ئۆزىدىكى ئايلىنىش ھەرىكىتى ۋە كۈچەش ھامىلە تۇغۇلۇشنىڭ ئۈچ مۇھىم شەرتى، بىرى كەم بولسا بولمايدۇ. قەۋزىيەت بولغان ۋاقىتتا ئاچچىق يۇتۇۋالغانلىق سەۋەبىدىن قورساقنىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىدۇ، بىراق ۋاقىتنىڭ قىسقا بولۇش سەۋەبىدىن شۇڭا ھامىلە ئاغرىشنى ھېس قىلالمايدۇ. ئادەتتىمۇ ھەم تۇغۇلۇش ۋاقتىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. بىراق قەۋزىيەت قىستىلىپ كەلگەن ۋاقىتتا باش سۈيى يېرىلىپ كېتىدىغان ئەھۋال بولىدۇ، بىراق بۇنىڭ سەۋەبى يۇقۇملىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

 

7.›ھەر كۈنى ئۇڭۇشلۇق تەرەت قىلىش ئۈچۈن يېمەك –ئىچمەك نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

ئەڭ ئۈنۈملۈك  ئۇسۇل بولسا تەركىبىدە مول تالا بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك.

يۈسۈن تۈرىدىكى، ياڭيۇ تۈرىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىسى مول بولغان سۇدا ئېرىشىچان ئاقسىل مول بولغان يېمەكلىكلەر ئۈچەينىڭ سۈمۈرۈشىنى تېزلىتىپلا قالماستىن، يەنە خولسترنىنمۇ بىرلىكتە چىقىرىدۇ. قۇلۇلە قېپى، پۇرچاق تۈرىدىكى، يىلتىز تۈرىدىكى، زەمبۇرۇغ قاتارلىق مول بولغان سۇدا ئېرىمەيدىغان ئاقسىللىق  يېمەكلىكەر ئۈچەينى تازىلاپ پاكىز قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ۋىتامىن B1 ئاشقازان ئۈچەينىڭ نېرۋىلىرىنى قوغدايدۇ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىدۇ. ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا ۋىتامىن B1 نى قوبۇل قىلسا قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ۋىتامىن B1 مول بولغان يېمەكلىكلەردىن قارا ئاشلىق، ئۇن تائاملىرى، پۇرچاق تۈرىدىكى شۇنداقلا ئورۇق گۆش قاتارلىقلار.

 

ھەر كۈنى ئىلمىي ئىستېمال قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئىككى خىل ئاقسىل مول بولغان يېمەكلىككە ئوخشىمىغان يېمەكلىكنى ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىش بولسا ئەڭ ياخشى چارە.

 

8.›ئالوينى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئىشتىلىشكە ماس كەلمەيدۇ دەيدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟

چۈنكى ئالوي تەركىبىدە ئانتراخىنون بۇلۇپ، بۇ خىل تەركىب ئۈچەيگە ئېغىر غىدىقلاش ئېلىپ كېلدۇ، بىر خىل تەرەتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئانتراخىنوندىن ياسالغان، ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە چۇقۇم ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك، بولمىسا ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. شۇنداقلا بويىدىن ئاجراش ۋە بالدۇر تۇغۇتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، پەقەت ئاز مىقداردىكى قېتىققا ئىشلىتىلگەن ئالوي ئانىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بىخەتەر.

9.›كەچتە قېتىق ئچىپ بەرسە،تەرەتنى راۋان قىلىدۇ دەيدۇ، راست شۇنداقمۇ؟

قېتىق تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق بولغان سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسى بار، سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسى ئۈچەينڭ پائالىيتىگە پايدىلىق، ئالاھىدە بولغىنى قېتىق تەركىبىدە سۈت ئاقسىلى بولۇپ سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسىنىڭ ئۈچەيدە قۇرۇپ قېلىش ۋاقتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ساقلايدۇ، تەرەتنى راۋان قىلىدۇ.

 

2.يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاشنىڭ ئۈچ خىل يولى

 

سۇ ئارقىلق تولۇقلاش 

قەۋزىيەت بولسا ئادەتتە سۇ مىقدارىنڭ كەملىكى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كىچىك ھەم قاتتىق بولغان چوڭ تەرەت، راۋان بولغان ھالەتتە بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتەلمەيدۇ، ھامىلدار ئانىلار چوقۇم ۋاقتىدا سۇ مىقدارىنى تولۇقلىشى كېرەك، سۇ قوبۇل قىلىش مىقدارى 200-300 لېتىر ئەتراپىدا بولۇشى كېرەك، سۇ تاللىغاندا ئەلا سۈپەتلىك ساپ ياكى مېنىرال سۇلارنى تاللاش كېرەك، قورساققا سوغۇق ئۆتۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىسسق سۇ ئىستېمال قىلىڭ.

 

ئاقسىل مىقدارى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش

ئاقسىللىق يېمەكلىك چوڭ تەرەتنى پارچىلاپ ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۈنۈملۈك ھالدا ئۈچەي راكى، دىئابىت، سېمىزلىك، قەۋزىيەت قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

 

ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر بولسا ئاساسلىق كۆكتات-مېۋە تۈرىدىكى، پۇرچاق تۈرىدىكى، قوناق تۈرىدىكى ۋە زەمبۇرۇغ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردە ساقلىنىدۇ، بىراق ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى  ھەددىدىن ئارتۇق ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك. ئارتۇق بولۇپ كەتسە، ئۈچەينىڭ كۆپۈشى، چوڭ تەرەتنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى قاتارلىق ئامىللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنداقلا بىر قىسىم زۆرۈر بولغان ئېلمىنتلارنىڭ سۈمۈرۈلىشىگە توسقۇنلۇق قىلدۇ. ھەر كۈنى سەي-كۆكتات، مېۋە ھەم قوناق ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ نىسبىتى 5:6 بولىدۇ.

 

ئوزۇقلۇق تولۇقلىغۇچى ماددىلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىش

قەۋزىيەتنى ياخشىلاشنىڭ ئوزۇقلۇق مەھسۇلاتى بولسا سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسى، ئۇنىڭ تەركىبىدە باكتېرىيەگە قارشى تۇرغۇچى ماددا ھەم كۆپ مىقداردىكى ئاكتىپ بولغان سۈت كىسلاتا بار، ئاساسلىقى ھەزىمگە ياردەم بېرىش رولى بار. بىراق ھامىلدار ئانا ئوزۇقلۇق يېمەكلىكلەر بىلەن تاماقنى بىرلىكتە ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ، ئۇ پەقەت قوشۇمچە رول. ھامىلدار ئانا ئوزۇقلۇق يېمەكلىك تاللغاندا سۈپەتكە دىققەت قىلىشى، بىخەتەرلىكى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى تاللىشى كېرەك.


تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى