ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھەر خىل ئوخشاش بولمىغان ھامىلە ئورۇنلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى

ھەر خىل ئوخشاش بولمىغان ھامىلە ئورۇنلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى

ۋاقتى: 2016-07-16 ئاۋاتلىقى: 546 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھەر خىل ئوخشاش بولمىغان ھامىلە ئورۇنلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى

1.يەككە ساغرا ئورنى                     
بوۋاقنىڭ بەدىنى ساغرا قىسمىدىن ئۇشتۇلغانغا ئوخشاش، ئىككى پۇتى باش تەرىپىدە تۇرىدۇ.  تۇغۇت ۋاقتىدا ساغرا قىسمى ئاۋال چىقىدۇ، بۇنداق تۇغۇت ئۇسۇلى بولسا كاسسىچىلاپ تۇغۇش ئىچىدە ئەڭ بىخەتەر. چۈنكى بالىياتقۇ ئېغىزىنىڭ ئېچىلىشى يېتەرلىك بولغاندا، ئاندىن ساغرا قىسمى چىقالايدۇ، ئۇنداق بولغاندا، باش قىسمىنىڭ چىقماسلىقىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.

2.ساغرا بىلەن پۇتنىڭ بىللە ئاۋۋال چىقىشى  بوۋاق خۇددى پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرغان ھالەتتە بولۇپ، كاسسى بىلەن بىر پۇتى بىرلا ۋاقىتتا ئاۋۋال چىقىدۇ. گەرچە بۇنداق تۇغۇش ئۇسۇلى بىخەتەر تۇغۇش ئوسۇلىغا تەۋە بولسىمۇ، لېكىن بەزى ۋاقىتلاردا بىرلا پۇتى ئاۋۋال چىقىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. تۆۋەندە تۇنۇشتۇرۇلغاندەك ئىككى پۇتى ئاۋۋال چىقمايدۇ.

3.ئىككى پۇت ئاۋۋال چىقىشى
بۇنداق تۇغۇش ئۇسۇل ئالدىنقىغا سېلىشتۇرغاندا كىندىك بېغى ئاسان ئاجراپ كېتىپ بوۋاقنىڭ قان ئايلىنىشىنى يامانلاشتۇرۋېتىدۇ، بۇ ھامىلە ئۆزى تغغرا بولمىغان تۇغۇت  ئىچىدە ئەڭ  قىيىن تۇغۇت ھېسابلىندۇ.

4.پەقەت بىر پۇت ئاۋۋال چىقىش
بۇ ھالەت بىلەن ئالدىنقى ئىككى ھالەتنىڭ ئوخشىماسلىقى: ئاسانلا باش سۈيى بالدۇر يىرېلدۇ. ھەمدە كىندىك بېغى بەزىدە بالياتقۇ ئېغىزىدىن ئاجراپ چىقىپ كېتىدۇ.

ناۋادا  بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرسە، بالياتقۇ دىۋارى بىلەن بوۋاق ئوتتۇرىسىدىكى كىندىك بېغى بېسىمغا ئۇچراپ قىسلىپ قېلىپ، بوۋاقنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق تۇغۇش شەكلىدە بوۋاقنىڭ ساغرا قىسمىنىڭ ئاۋۋال چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بىراق بالياتقۇ ئېغىزى پۈتۈن ئېچىلىپ بولالمايدۇ، بۇ بالياتقۇنىڭ بالا بېشىنى قىسۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالا ئاسان تۇغۇلمايدۇ، بۇ بەلكىم تۇغۇت كېيىن بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى