ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ يۈرىكى قىززىسا قانداق قىلىش كېرەك؟

تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ يۈرىكى قىززىسا قانداق قىلىش كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-01-21 ئاۋاتلىقى: 595 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ يۈرىكى قىززىسا قانداق قىلىش كېرەك؟         
 
يۈرەك قىززىشنىڭ ئىلمىي خۇلاسىسى

ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى يېرىم كېچىدە يۈرىكى قىززىغاندەك ھېسىياتتا بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئاشقازان قىززىش. بۇنداق ئالامەتلەر يەڭگىگەندىن كېيىن تەبىئىيلا يوقاپ كېتىدۇ، شۇڭا مەخسۇس داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق. بىراق بىر قىسىم تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ھامىلدار ئاياللارنىڭ بۇ خىل ئازابىنى يېنىكلىتىشكە بولىدۇ.

ھامىلدار ئاياللارنىڭ يۈرىكى قىززىشنىڭ سەۋەبى 


ھامىلدار ئايالنىڭ ئاشقازىنى قىززىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى: ھامىلدار مەزگىلىدە ئىچكى ئاجراتمىلاردا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى تەتۈر ئېقىپ، يۇتقۇنچاق ئاستىنقى قىسمىدىكى ئاغرىقنى سېزىش ئەزالىرىنى غىدىقلاپ، قىززىش ئالامىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ھامىلدار مەزگىلىدە كۆپ قىسىم بالىياتقۇ، ھامىلىنىڭ ئاشقازانغا بولغان بېسىمى چوڭ بولۇپ، ئاشقازاننىڭ بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋېتىپ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاشقازان دىۋارى ئىچىدە تۇرۇپ قېلىش ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىپ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى  ئاسانلا يۇتقۇنچاق ئاستىنقى قىسمىغا قايتىپ، كۆڭلى ئاينىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

‹‹يۈرەك قىزىش›› نى داۋالاشنىڭ  14 خىل ئۇسۇلى 

1. ئاچچىق-چۈچۈك مېۋىنى ئاز يېيىش، مەسىلەن: چوڭ ئاپلىسىن، ئاپلىسىن، پەمىدۇر، ئاچچىقسۇ قاتارلىقلار.
2. ئاچچىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، مەسىلەن: قارىمۇچ، لازا قاتارلىقلار
3. تاماقتىن كېيىن 2-3 سائەتتىن كېيىن كارىۋاتتا يېتىش.
4. ساپ گۆش تۈرىدىكى ۋە تۆۋەن مايلىق يېمەكلىكلەر، يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەر ئاشقازاننىڭ قىززىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ئاز يېيىش كېرەك.
5. قەھۋە، كوكا كولا، كاربونلۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشتىن ساقلىنىش، شاكىلات، يالپۇز، قىچا تالقىنىنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك.
6. ھەر ۋاقلىق تامىقىدا بەك تويۇپ يېمەسلىك.
7. تاماق يېيىش سۈرئىتى بەك تېز بولماسلىق.
8. ئۇخلاشتىن ئاۋال ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش.
9. بەك تار، ھىم كىيملەرنى كىيمەسلىك، بەللىكلەرنى بەك ھىم تاقىۋالماسلىق.
10.ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى ئەركىن ساقلاش، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بەك جىددىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارماسلىق.
11.كېچىسى سېغىز چايناپ بەرسە، شۆلگەينىڭ ھاسىل بولۇشىغا ياردەم قىلىپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنى نېيتراللاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
12.ئاچچىقنى قايتۇرىدىغان يېمەكلىك ۋە ئىشلارنى خاتىرىلەپ، كېيىن ئۇ ئىشلاردىن ساقلىنىش.
13.ياستۇقنى 15 سانتېمىتىر ئېگىزلىكتە قىلىش.
14.ئۇخلىغاندا مۇۋاپىق تىز شەكلىنى تاللاش.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى