ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلدارلىقنىڭ سەككىزىنچى ئېيىدىكى ھامىلىنى تەكشۈرتۈشتىن خۇلاسە

ھامىلدارلىقنىڭ سەككىزىنچى ئېيىدىكى ھامىلىنى تەكشۈرتۈشتىن خۇلاسە

ۋاقتى: 2016-06-24 ئاۋاتلىقى: 625 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلدارلىقنىڭ سەككىزىنچى ئېيىدىكى ھامىلىنى تەكشۈرتۈشتىن خۇلاسە

ھامىلدارلىقنىڭ 28 –ھەپتىسىدىن كېيىن، دوختۇر ئانىدا سۇلۇق ئىشششىقنى تەكشۈرۈشتىن سىرت، 37 ھەپتىدىن ئىلگىرى بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەگەر تولغاق 30 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتسە ھەم كۈچەيسە، جىنسىي يولدىن قان ياكى سۇ چىقىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.

دائىملىق تەكشۈرۈش
سالامەتلىكنى ئاسراش
ئېغىرلىقنى ئۆلچەش، قان بېسىمىنى ئۆلچەش، قورساق ئايلانمىسىنى ئۆلچەش، ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى ئاڭلاش

دائىملىق تەكشۈرۈش

سۈيدۈكنى تەكشۈرۈش: ھامىلىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئانىدا سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا سۈيدۈكنى تەكشۈرتۈش كېرەك، ئەگەر سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى بولسا، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىش، ئەگەر سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈك كۆپ بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك.

سۈتلۈك ئىششىقنى تەكشۈرتۈش: كۆپ ساندىكى ئانىلار ھامىلدارلىقنىڭ ئوتتۇرى ۋە ئاخىرىدا سۈتلۈك ئىششىق كېلىپ چىقىدۇ، تۇغۇت تەكشۈرۈشى قىلغاندا دوختۇرخانىغا بېرىش، بالدۇر ئالدىنى ئېلىپ، بالدۇر داۋالىتىش كېرەك.

ھامىلدارلىقتىكى يۈرەك كادىئوگرامما: ئادەتتە ھامىلدارلىقنىڭ 29-34 ھەپتىسىدە بىر قېتىم يۈرەك كاردىئوگراممىسى تەكشۈرتۈش، ئاساسلىقى ئانىنىڭ يۈرەك ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش، يۈرەكتىكى كېسەللەرنى ساقايتىش، ئەگەر مەسىلە بولسا ۋاقتىدا ئىچكى كېسەل بۆلۈمىگە تەكشۈرتۈش كېرەك.

ئالاھىدە تەكشۈرتۈش

ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى دىئابىتنى تەكشۈرۈتۈش: ئوڭۇشلۇق بوشىنىش  ئۈچۈن. ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، دوختۇر ھامىلدار ئايالنىڭ دىئابىت كېسىلىگە دىققەت قىلىشى كېرەك.

ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى قان بېسىمىنى تەكشۈرۈش: ئوڭۇشلۇق بوشىنىش ئۈچۈن، ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، دوختۇر ھامىلدار ئايالنىڭ قان بېسىمىغا دىققەت قىلىش.

تۇغۇت تەكشۈرتۈش _قان تەكشۈرتۈش

تەكشۈرتۈش مەقسىتى: ئانىدا قان ئازلىق، يۇقۇملىنىش ۋە قان سۇيۇقلىقىدا بىنورماللىق بار يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈش.
تەكشۈرۈش مەزمۇنى: ئاق قان ھۈجەيرىسى، قىزىل قان ھۈجەيرىسى، ھىموگلوبىن، قان پىلازمىسى قاتارلىقلار
تەكشۈرتۈش تەييارلىقى: ئالاھىدە تەييارلىق قىلىش ھاجەتسىز، ئادەتتىكىدەكلا تەكشۈرتسە بولىدۇ.
بىخەتەرلىك كۆرسەتكۈچى: پەقەت بارماقنى بۇغۇش، ئازراق ئاغرىش كۆرۈلىدۇ، باشقىچە زىيان كۆرۈلمەيدۇ.
ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىىسنى كۆرۈش: ھىموگلوبىننىڭ نورمال قىممىتى 110/150 گرام تەقسىم لېتىر، ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ نورمال قىممىتى 10*10/12*10 گرام تەقسىم لېتىرغىچە بولىدۇ، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھەتتا 10*15 گرام تەقسىم لېتىرغا يېتىدۇ، قان پىلازمىسىنىڭ نورمال قىممىتى 100_300*10 گرام تەقسىم لېتىر بولىدۇ. ئەگەر ھىموگلوبىن 110گرام تەقسىم لېتىردىن كەم بولسا، داۋالىتىش كېرەك.

تەكشۈرتۈش-ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى سۈيدۈك تەكشۈرتۈش
تەكشۈرتۈش مەقسىتى: قان بېسىمى ئونۋېرسال كېسىلى، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدىكى كېسەلنى تەكشۈرتۈش.
تەكشۈرتۈش مەزمۇنى: ھىموگلوبىن، قەنىت ۋە كىتونلار، ئاق ۋە قىزىل قان ھۈجەيرىسىنى تەكشۈرتۈش 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى