ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلدار بولۇپ ئون ئايلىق بولغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن خۇلاسە

ھامىلدار بولۇپ ئون ئايلىق بولغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن خۇلاسە

ۋاقتى: 2015-03-12 ئاۋاتلىقى: 576 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلدار بولۇپ ئون ئايلىق بولغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن خۇلاسە

ھامىلدار بولۇپ ئون ئايلىق بولغاندا مۆلچەرلىگەن تۇغۇت ۋاقتىغا يېقىنلاپ قالىدۇ. ھامىلە تېخىمۇ تولىدۇ، قاتلاش سىزىقلار يوقايدۇ. ھامىلىنىڭ يۈرەك، جىگەر قاتارلىق ئەزالىرى، نەپەسلىنىش، ھەزىم قىلىش، ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىلىرى پۈتۈنلەي يېتىلىپ، تۇغۇلغاندىن كېيىن تەن سىرتىدا مۇستەقىل ياشاشقا تەييار بولىدۇ. ھامىلىنىڭ مېڭىسىمۇ مۇكەممەل يېتىلىپ بولىدۇ، كۆز ھەرىكىتى ماس، كۆرۈش قۇۋىتى تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ. ئاي كۈنى تولغاندا ھامىلىنىڭ بوي ئىگىزلىكى تەخمىنەن 50 سانتا، ئېغىرلىقى 3000 گرام بولىدۇ. ھامىلىنىڭ باش قىسمى ئانىنىڭ داس سۆڭىكى ئىچىگە كىرىپ بولغان بولۇپ، تېنى سەل تۆۋەنلەپ، تۇغۇلۇشنى ساقلايدۇ. تەخمىنەن %80  ھامىلە ھامىلدارلىقنىڭ 280 كۈنىنىڭ ئالدى كەينىدىكى 10 كۈن ئىچىدە تۇغۇلىدۇ.

 ھامىلدار بولۇپ ئون ئايلىق بولغان ۋاقىت تۇغۇشنى ساقلايدىغان ۋاقىت، شەخسىي تازلىققا دىققەت قىلىشتىن سىرت،  تۇغۇت تەييارلىقىنى ياخشى قىلىش كېرەك، مەسىلەن يېتەرلىك ئارام ئېلىش ۋە ئۇخلاش، ھەر خىل ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى تۇلۇقلاپ، جىسمانىي كۈچىنى يىغىش كېرەك.
ھامىلدار بولۇپ ئون ئايلىق بولغان ئانا ھامىلىنىڭ ھەددىدىن زىيادە چوڭ بولۇپ كېتىپ تۇغۇتقا تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ماي ۋە كاربون ـ سۇ بېرىكمىسىنى قوبۇل قىلىشتىن ساقلىنىشى لازىم. ھامىلە ئاساسەن يېتىلىپ بولغانلىقى ئۈچۈن، يەنە داۋاملىق كالتسىي بىلەن بېلىق مېيىنى ئىستېمال قىلىپ، مېتابولىزم بېسىمىنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ھامىلدار بولۇپ ئون ئايلىق بولغان ھەرقاچان باش سۈيىنىڭ يېرىلىش، كالتە تولغاق بولۇپ تۇغۇپ قويۇش  ئېھتىماللىقى بولىدۇ، شۇڭا يالغۇز سىرتقا چىقىشتىن ياكى ئۇزۇن مۇددەت سىرتتا يۈرۈشتىن ساقلىنىش كېرەك. مۇۋاپىق بولغان ھەرىكەت كەم بولسا بولمايدۇ، بىراق ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كەتمەسلىك، كۈچىنى خورىتىپ تۇغۇتقا تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش لازىم.
ھامىلدار ئايال مۆلچەرلىگەن تۇغۇت ۋاقتىغا يېقىنلاشقاندا ئىچ كىيمىنى دائىم ئالماشتۇرۇپ، سىرتقى جىنسىي ئەزاسى، يوتىنىڭ ئىچى تەرەپ، تۆۋەنكى قورساق قىسمىنى ھەر كۈنى سوپۇن ۋە ئىلمان سۇ بىلەن يۇيۇپ بېرىش كېرەك.  تۇغۇش ئالدىدا يەنە بىر قېتىم يۇيۇش، ئامال بار سىرتقى جىنسىي ئەزاسىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش لازىم. ناۋادا باش سۈيى يېرىلىش، قان كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسا، يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ.
تۇغۇتتىن بۇرۇن ماددىي تەييارلىقنى ياخشى قىلىش، ئۆزى ۋە بوۋاققا لازىملىق كىيىم ـ كېچەك، تۇرمۇش بويۇملىرىنى تولۇق تەييارلاش، تۇيۇقسىز قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆزگە كۆرۈنەرلىك جايغا قويۇپ قويۇش لازىم. 
تۇغۇت جەريانىدىكى خەتەرگە نىسبەتەن تونۇشى بولۇش، ھەددىدىن زىيادە قورقۇنچ ۋە جىددىيلىكتىن ساقلىنىش، چۈنكى تۇغۇت بىر فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە، تۇغۇش ئۈچۈن بىر جەرياننى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ، پەقەت دوختۇرخانىدا، تۇغۇتقا مەسئۇل خادىملارغا ماسلىشىپلا بەرسە، بۇ جەريان ئۇنچە قىيىن ئەمەس.
بالىنى تۇغىدىغان دوختۇرخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھامىلدار كالتە تولغاق بولغاندىلا دوختۇرخانىغا بېرىش ئۈچۈن،  ئەڭ ياخشىسى يېقىنراق دوختۇرخانىنى تاللاش كېرەك.
خۇلاسە: يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن ھامىلدار بولۇپ ئون ئايلىق بولغاندا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى كۆرگەندىن كىيىن، ھامىلدار ئايال بىر ساغلام بولغان بوۋاق يېتىلدۇرۇش ئۈچۈن، كۈندىلىك تۇرمۇشىدا، خىزمەت ۋاقتىدا كۆپ دەم ئېلىشى، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشى، ھەر خىل ئوزۇقلۇقى مول بولغان يىمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشى لازىم.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى